تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەزا جياڭ پىڭئەن: شىنجاڭنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈلگە رايونىنى قۇرۇشنىڭ دەل پەيتى كەلدى

  ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى جياڭ پىڭئەن 3-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: «چارۋىچىلىق شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئالاھىدە ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىگە ئىگە كەسىپلىرىنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەم چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، غەربىي شىمال رايونى، ھەتتا مەملىكەت بويىچە زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا ئۈلگە ھەم ئۆرنەك بولۇش كېرەك».

  ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق قارىدى: زامانىۋى چارۋىچىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى بىر دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم بەلگە.

  ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ھازىر بار بولغان يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى ھەمدە دېھقانچىلىققا ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلىققا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، «ھالقىنى چىڭ تۇتۇش، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، مۇھىم نۇقتىنى بۆسۈش» تىن ئىبارەت پىرىنسىپقا بويسۇنۇپ، دۆلەت قاتلىمىدىن مۇھىم ھالقىلارغا ئالاقىدار يۆلەش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۈلگىلىك رايون قۇرۇشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  پۇل مۇئامىلە سۇغۇرتىسى، يەر ئىشلىتىش، باج يىغىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى كۈچەيتىشتىن سىرت، ئەزا جياڭ پىڭئەن يەنە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى چارۋىچىلىققا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ھازىر بار بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ياردەم پۇلى، سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، چارۋىچىلىق سۈپەتلىك ئۇرۇق ياردەم پۇلى، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى قاتارلىق ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى جانلىق تەڭشەپ، ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى، ئۆلچىمى ۋە سۇبيېكتلىرىنى ئەمەلىي ئەھۋال بويىچە بېكىتىش ھەم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى، سېتىلىش مىقدارىنى ئاساس قىلغان مالىيە ياردەم پۇلى تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك.

  مۇھىت ئاسراش سىياسىتى جەھەتتە، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا يېشىل چارۋىچىلىق تەرەققىيات فوندى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، بۇنى نۇقتىلىق تۈردە باقمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، ئۈلگە رايونى ھەم ئەتراپىدىكى سانائەت ۋە كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىت ئۆلچەش-نازارەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش كېرەك. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئايلانما يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىققا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشىنى ئۆزگەرتىش بويىچە دۆلەت مالىيە ياردەم پۇلى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق قارىدى: ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى، چوڭ قول ھۈنەرلىرىنى، ئاساسلىق ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈشىنى قوللاش ھەم ئالاھىدە ياردەم پۇلى بېرىش، ئېتىبار سىياسەتلىرىنى بېكىتىش، يەنە چارۋىچىلىق بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەت ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، چارۋىچىلىقتىكى ئىلغار ئىختىساسلىقلارنى پاي قوشۇپ يۈرۈشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا چارۋىچىلىق پاتېنت ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى