تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  چېن چۈەنگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى

    ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يىغىننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق چېن چۈەنگو شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يىغىندا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى، باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى ۋە يىغىن قارالمىلىرىنىڭ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، يېقىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ئاچقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چاقىرغۇچىلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى يەنە بىر چوڭ ئىش بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر قايسى ۋەكىللەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 –، 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەيداندا، سىياسىي يۆنىلىشتە، سىياسىي پىرىنسىپتا، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تۈرلۈك دوكلاتلار ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، مۇقەددەس ئاۋازنى ياخشى بېرىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.