تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق يېمەكلىك ھاراقنى تېز كېسىدۇ؟

    پەمىدۇر. ھاراقتىن كىيىن بىر نەچچە يېڭى پەمىدۇر يېگەندە، ھاراقنى يېشىپ، باش قېيىشنى يىنىكلىتىدۇ، سىقىپ سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    قېتىق. ھاراق ئىچىش ئارىلىقىدا قېتىق ئىچكەندە ئىسپىرتتىكى ئېتىل ئالكوھولنى نېيتراللاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ھاراقنى كېسىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    قويۇق شوۋىگۈرۈچ. شوۋىگۈرۈچ تەركىبىدە كۆپ خىل قەنت ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولۇپ، ھاراقنى كېسىپ زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. شۇڭا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قويۇق شوۋىگۈرۈچنى ئىچسە ھاراقنى تېز كېسىدۇ.

    پۇرچاق ئۇيۇتمىسى. ھاراق ئىچىشتىن ئىلگىرى يېمەكلىك يەپ قورساقنى توقلاشنىڭ ئاشقازاننى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى ۋە ئىسپىرتنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) نىڭ زاكۇسكا قىلىشقا بولغان ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. چۈنكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ تەركىبىدە سىستېيىن (ئامىنو تئوپروپىئون كىسلاتاسى) بار بولۇپ، بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئىسپىرت زەھىرىنى يىنىكلىتىپ ۋە ئىسپىرتنىڭ بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، ئۈچەي-ئاشقازاننى تازىلاپ ھاراقنى كېسىش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ.

    زەنجىۋىل. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاشقازان بىئارام بولۇپ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا زەنجىۋىل پارچىسىنى شۈمىۋالسا، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى يىنىكلىتىپلا قالماي يەنە ھاراقنى كېسىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى