تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئادىل ئەيسانىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن مىكرو كىنو «قەلبداشلار دەرىخى» تۇنجى قويۇلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئادىل ئەيسانىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ھېكايىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان يۈرۈشلۈك مىكرو كىنو «قەلبداشلار دەرىخى» 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۇنجى قويۇلدى. بۇ كىنو ھەقىقىي ۋەقەدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئادىل ئەيسانىڭ شاگىرتى خۇاڭ خوڭشىڭ بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق چوڭقۇر مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  ئادىل ئەيسا يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر تېخنىك ئىشچى. كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. 1982-يىلى 7-ئايدا سۆڭەك راكى سەۋەبىدىن ئادەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۆزى يىغقان 1000 يۈەن پۇلنى ئىئانە قىلىپ، خىزمەت پوزىتسىيەسى ئاكتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەرگە ئىشلىتىشنى تاپىلىغانىدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى «ئادىل ئەيسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلدى. 1992-يىل 6-ئاينىڭ 26 كۈنى، ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلاقتاغ رايونلۇق كومىتېت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم شەخس نامىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى _ «ئادىل ئەيسا مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلدى ھەم تارقاتتى.

  بۇلاقتاغ رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لوڭسەي كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئادىل ئەيسا مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنىپ ھازىرغىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 14 كوللېكتىپ ۋە 28 شەخس «ئادىل ئەيسا مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ كىنو نەمۇنىچىلارنىڭ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپىك شەخسلەرنى ئېكران ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، كىچىك ھېكايىلەرگە مۇجەسسەملەنگەن ئۇلۇغ مۇھەببەتنى سۆزلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن.

  «ئادىل ئەيسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش يۈرۈشلۈك مىكرو كىنوسى»نى 13 قىسىملىق قىلىپ ئىشلەش پىلانلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «قوزام قورقماڭ»، «ئايبەتەنىڭ ئارزۇسى» ، « قەلبداشلار دەرىخى» قاتارلىق قىسىملىرى ئىشلىنىپ بولغان. بۇ كىنولارغا «ئادىل ئەيسا مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى