تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار ئادەت مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرسا بولامدۇ؟

    قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىدە بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ نۇرغۇن ئاياللار زىلۋا بەدەن قامىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار ئادەت مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ ئىككىلىنىدۇ.
    ئادەت كېلىش ئاياللاردىكى نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئالامەت بولۇپ، ئادەت مەزگىلىدە قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ئادەت كۆپ كېلىپ بالىياتقۇنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، ئەمما مۇۋاپىق دەرىجىدىكى سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق يىنىك ھەرىكەتلەر باشقا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. چۈنكى مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ھەرىكەت قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، تەن سالامەتلىككە پايدىلىق. بۇنىڭغا قارىتا، شەنشى شەھەرلىك ئانا-بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى گو يەنخۇانىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە، ئاستا يۈگۈرۈش تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. ئەلۋەتتە، خانىم-قىزلار ئالدى بىلەن يۈرەك، باش، ئومۇرتقا قاتارلىق ئەزالىرىدا كېسەل تارىخى يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر يۇقىرىقى ئەزالاردا بەزى مەسىلىلەر بولسا، ئاستا يۈگۈرسىمۇ ھاياتىغا خەۋپ يىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش تارىخى بار خانىم-قىزلارمۇ ئادەت مەزگىلىدە بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئاستا يۈگۈرۈش ئادەت ئاغرىتىپ كېلىشنى ئېغىرلىتىۋېتىشى ياكى ئۈچەي ئىسپازمىسى ۋە شۈك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
    گو يەنخۇا يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى، ئاياللار ئادەت مەزگىلىدە قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەت قىلماسلىقى، ئاچچىق ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئامال بار يېمەسلىكى، ئادەت مەزگىلىدە مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئاياللارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا ئادىتى نورمال كەلمىسە ياكى ئاستىنقى قورساق قىسمى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى توختۇتۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى