تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئېرىڭىز سىرتقا قاراپ قالسا قانداق قىلىسىز؟

    ئېرىڭىز سىرتقا قاراپ قالسا، ئەلۋەتتە ئازاپلىنىسىز ۋە خاپا بولىسىز، لېكىن غەۋغا كۆتۈرۈش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن ئېغىر-بېسىق بولۇشىڭىز كېرەك.

    بىرىنچى، ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتۇش-تۇتماسلىقنى ئوبدان ئويلىشىڭ. ئۆي تۇتقۇڭىز بولمىسا، بۇنىڭ يولى ئاسان؛ ئۆي تۇتقۇڭىز بولسا ئاراڭلاردىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ قانچىلىك بولغانلىقى، ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى زادى نېمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئېرىڭىزگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزنى ئەستايىدىل ئويلىنىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.

    ئىككىنچى، پۇرسەت تېپىپ بۇ ئىش ئۈستىدە ئېرىڭىز بىلەن ئېغىر-بېسىق سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك خورلانغان ۋە ئازاپلانغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىڭىزنى ۋە بالىلارنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇنىڭ يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىشىنى قانچىلىك ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەل قارىغان جايلىرىنى ئانچە-مۇنچە تەكشۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن ئۆزگىرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرۇڭ. ئەگەر ئېرىڭىز سىزنىڭ ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا چىن يۈرىكىدىن ئازاپلانسا، سىز كەڭ قورساقلىق قىلسىڭىز ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنسىڭىز، ئۇ چوڭقۇر تەسىرلىنىشى مۇمكىن.

    ئۈچىنچى، ئېرىڭىزنىڭ نىيىتىدىن يېنىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ. بۇ جەرياندا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىغا پۇرسەت بېرىڭ؛ ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆيۈنۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋاپادارلىقى ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. ئۇنداق قىلىش سىز ئۈچۈن ئۇۋالچىلىقتەك بىلىنسىمۇ، نىكاھىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

    مەلۇم ۋاقىتىن كېيىن نىكاھ كىرىزىسى ۋاقىتلىق پەسەيگەندە، ئېرىڭىزگە پەقەت بىرلا قېتىم يول قويىدىغانلىقىڭىزنى كەسكىن ئەسكەرتىڭ، مۇشۇنداق بىر قېتىملىق ھېسسىيات توقۇنۇشىدىن كېيىن، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئۆزىنى تەڭشىشى ۋە تۈزىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

    «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى