تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

مەكتەپنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەيلى

ئىلى كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم (پېداگوگىكا)مەكتىپى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ئالىمجان ھەسەن

     تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، شىنجاڭ خەلقى قەلبداش. قەدىمدىن تارتىپ شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق گۈللەندۈرمەكتە ۋە قوغدىماقتا.
     پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن – ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلىرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، مەن بۇنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم.
     مەكتەپ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مۇھىم ئورۇن، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىزدىن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تالىشىدىغان مۇھىم بازا. بىز چوقۇم سىياسىي ئاڭ، بازا ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ئوقۇش – ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز، مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئاساسىي بازىسى بىلەن توردىكى ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە يېڭى بازىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەرس ۋە دەرس سىرتى، تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بازىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك، ماس ئايلىنىش سۇپىسىنى، تور ۋە تور سىرتىدا ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك؛ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت بىلەن ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ،  كۈندىلىك ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مېھىر – مۇھەببەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش، قائىدە سۆزلەپ كىشىلەرنى قايىل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك؛ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىنى مەكتەپنىڭ سىياسىي – ئىدىيەۋى خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى يول باشلىغۇچى بولۇشقا يېتەكلىشىمىز ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىنىقى ئالدىدا، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر سىياسىي مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز؛ ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز؛ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئۈلگە بولۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
     بىز باشتىن – ئاخىر سىياسىي سەگەكلىك ۋە سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، مەكتەپنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا، چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
     بىز باشتىن – ئاخىر باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ››، ‹‹مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق›› دېگەن ئىدىيەنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە توغرا تونۇشىمىز؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى