تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2–تومىنى ئۆگىنىش،تەشۋىق قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرايلى

  شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

  يېڭى دەۋردە يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ مەنىۋى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈش شەرت. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ مول مەزمۇنىنى، روھىي ماھىيىتىنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ بۇ كىتابقا يۇغۇرۇلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، بۇ ئىدىيەنىڭ قۇدرەتلىك ھەققانىي كۈچىنى ۋە ئۆزگىچە ئىدىيەۋى سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي تونۇش، ئىدىيەۋى تونۇش، نەزەرىيەۋى تونۇش، ھېسسىيات تونۇشىنى ئاشۇرۇش يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.

  بىرىنچى، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى زور

  2014 – يىلى 9 – ئايدا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، ئۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 2014 – يىلى 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا قىلغان سۆزى، سۆھبىتى، نۇتۇقى، سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىق 79 پارچە ئەسەر مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭدا 18 مەخسۇس تېما بويىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو مەسىلىسىگە بولغان ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسىغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولىغا بولغان دىققەت – ئېتىبارىغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسىتىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى ئاشۇرۇلغان. يېقىندا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – تومى چەت ئەل تىل – يېزىق نەشرىياتى تەرىپىدىن دۆلەت ئىچى – سىرتىغا قايتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى 2014 – يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ داۋامى، ئۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى 8 – ئايدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇھىم قول يازمىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۆز، سۆھبەت، نۇتۇق، تەستىقىي يوليورۇق، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىق 99 پارچە ئەسەر بار، 17 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جان تومۇرى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  يېقىندا بۇ كىتاب خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىش تىراژى 13 مىليون پارچىدىن ئاشتى.

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرىنى ئۆگىنىش جەريانى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەريانى، بىر مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش جەريانى. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور نەزەرىيەۋى نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى 1 – توم بىلەن قوشۇلۇپ، سىستېمىسى مول ئىدىيەۋى نەزەرىيەنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ھۆكۈم، زور تەدبىرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بىزنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ياخشى ئوبرازى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تونۇشى ۋە چۈشىنىشىگە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرىنى ئۆگىنىش جەريانى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش جەريانى، دۇنياغا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىش جەريانى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىم كارتىسى، ئەڭ يارقىن نۇقتىسى، جۇڭگو يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەخپىي شىفىرى، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ مەنتىقە مۇقەررەرلىكى. جۇڭگو يولى، جۇڭگو ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىنىۋاتىدۇ. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشىنى ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىجادىي بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابىنىڭ 2 – تومىدا يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دەل يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ بىرى. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – توملىرى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىككىنچى، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن

  بىز ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى چوڭقۇر ئوقۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يارىتىشتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى، ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھەققانىي كۈچى ۋە ئۆزگىچە ئىدىيەۋى سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىكى ئىلمىي نەزەرىيە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن 1 – تېمىسىدىكى ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەيلى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمدىن چەتنەپ كەتكەندە ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەندە، پارتىيەمىز روھتىن، يۆنىلىشتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ‹‹ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ: ماركسىزم پارتىيەمىز ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدىغان پەلەككە تاقاشقان دەرەخنىڭ يىلتىزى، پارتىيەمىز ۋە خەلق ئۈزلۈكسىز قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەزىم دەريانىڭ مەنبەسى، دەپ كۆرسەتكەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئېپىستېمولوگىيە بىلەن مېتودولوگىيەنىڭ بىرلىكىدە، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقنىڭ نەتىجىسى، ئۇ 21 – ئەسىردىكى ماركسىزم، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى بولۇپ، ماركسىزمنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەرىيە ئىجادچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

  شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، ئەمەلىيەتنىڭ پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى دەل پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇشنى ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا ئۆسكەن پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەۋرنى مەۋقە قىلغان، جۇڭگونى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنىڭ 1 – تېمىسىغا ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› مەزمۇن قىلىنغان سەككىز پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قىسىم تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پىرىنسىپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي ئىدىيەۋى كۆز قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 2 – تېمىدىن 17 – تېمىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يىغىپ ئېيتقاندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى ئەمەلىيەت شارائىتى ۋە دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە بارلىققا كەلگەن ھەم پىشىپ يېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى بولغانلىقتىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرى، يېڭى تەرەققىياتى ئېچىلدى ۋە يېتەكلەندى.

  شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتى ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمنى چىقىرىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئوخشاشلا يېڭى ئەمەلىيەت شارائىتى ۋە دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە پىشىپ يېتىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگو روھىنى چوقۇم ئەۋج ئالدۇرۇش شەرت، دەپ كۆرسەتكەن. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندا، بۇ خىل يۈكسەك نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى ۋە نەزەرىيە ئىشەنچىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. مەسىلەن: ‹‹<تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش›› تېمىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ھەم ئىستراتېگىيەلىك نىشان بار، ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بار، دەپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن: ‹‹مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش›› تېمىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچتۇر، تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان كۈچتۇر، دەپ كۆرسەتكەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەم مەۋقەنى رېئال جۇڭگوغا قويغان، ھەم يىلتىزىنى تارىختىكى جۇڭگودىن ئىزدىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلىپ، 5000 يىللىق مەدەنىيەتتىن ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق قىممىتىنىڭ ئوزۇقلۇق جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۇڭگونىڭ ئىجادىي تۆھپىسىنى قوشتى.

  شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا سىغدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەت ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ‹‹مەدەنىيەت ئىشەنچى›› پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە شەرھلەشنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەۋى ئۇسۇلىغا ئايلانغان.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىگە يېزىلغان ئىلمىي نەزەرىيە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندا شۇنى ئېنىق ھېس قىلىمىزكى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىغا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن قىزىل سىزىق. كىتابنىڭ 3 – تېمىسى ‹‹ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارايلى››دىكى ‹‹خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلايلى›› دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەن: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىگە ئىنتىلسە، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، خەلق تارىخنى ياراتقان، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان دەيدىغان ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان قىممەت يۆنىلىشىنى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، بۇ ئىدىيە خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان، خەلق ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، خەلقنىڭ مەنپەئىتى، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن خەلقنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەيۋەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى ۋە ئۇرغۇتتى.

  شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇن، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. سۆزدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان سەمىمىي كۆيۈنۈشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى تولۇق نامايان قىلىندى ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلىشى ۋە چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ‹‹دۇنيا نەگە بارىدۇ›› دېگەن دەۋر سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئىلمىي نەزەرىيە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندا ئۇنىڭدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى چوڭ دۆلەتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ مەسىلىسى توغرىسىدا دانا پىكىر ۋە ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. 17 – تېما ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى››دىكى ‹‹قول تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى›› دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەن: جۇڭگو باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، مەڭگۈ زومىگەرلىك قىلمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. مەڭگۈ تەسىر كۈچ دائىرىسىنى تالاشمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كاتتا سىياسىيون ۋە ئىستراتېگىيەچىلەرگە خاس كەڭ نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە چېتىلىدىغان بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنى بەرپا قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ھەم پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، ھەم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. كىتابتا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى›› تېما قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بايانلىرى كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، ھەممە يەردە پارتىيەنىڭ ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن، شۇڭا پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدا چىڭ تۇرۇش شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ ‹‹تۆت ئۇلۇغ››دىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ‹‹بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش››تەك قەيسەر ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە پارتىيەنىڭ ئىنقىلابىيلىقىنى چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى، سىياسىيدا ئىتتىپاقلىشىشى، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە رەھبەرلىك كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقى، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مۇھىم مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى، بۇ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى.

  ئۈچىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكشى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

  1. ئەينەن ئۆگىنىش كېرەك. ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەر ئەڭ نوپۇزلۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىدىيەۋى چىنلىق سىڭدۈرۈلگەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىشتە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 –، 2 – تومىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق، قورال كىتاب قىلىپ، ‹‹ئومۇميۈزلۈك، يېڭى، چوڭقۇر›› بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ‹‹ئومۇميۈزلۈك›› دېگەنلىك ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، قائىدە، پىرىنسىپلارنىڭ تېگىگە يېتىشنى؛ ‹‹يېڭى›› دېگەنلىك ۋاقتىدا يېتىشىپ مېڭىپ، ئىجادىي قاراشلارنى ئىگىلەپ، نەزەرىيەدىكى يېڭى تەرەققىياتنى ئىگىلەشنى؛ ‹‹چوڭقۇر›› دېگەنلىك چوڭقۇرلاپ كىرىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تولۇق ئۆگىنىپ، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  2. ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئۆزى مۇھىم تىرەك، چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش جەريانىدا تايانچنى مۇستەھكەملەپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز، ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىش، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىش، پارتىيەلىك كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  3. تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئىدىيەۋى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. روھىي ماھىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، يادرولۇق مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي تونۇش، ئىدىيەۋى تونۇش، نەزەرىيەۋى تونۇش، ھېسسىيات تونۇشىنى كۈچەيتىپ، يادرونى سادىقلىق بىلەن قوغداپ، يادروغا قەتئىي توغرىلىنىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بۇ ئىدىيەنى ئۆگىنىشنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى ئىگىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىگىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، قەيسەرانە ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەتتە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  4. چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، شەرھلەپ ئۆگىنىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى بىرىنچى مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ‹‹كۈندە كۆرۈش››، ‹‹كۈندە يېڭىلاش››، ‹‹كۈندە چوڭقۇرلاشتۇرۇش›› كېرەك. ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى پۇختا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئەستايىدىل، ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇنىڭ جەۋھىرىنى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. شىنجاڭ ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى››، ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى تەتقىقات مەركىزى›› ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق نەزەرىيە خىزمىتى سۇپىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سالمىقى بار بىر تۈركۈم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىپ، سالمىقى بار بىر تۈركۈم تەشۋىق قىلىش، شەرھلەش ماقالىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، تېرمىنال›› ۋە كۆچمە كۆپ ۋاسىتە قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، توردىن پايدىلىنىپ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى توغرا، جانلىق تەشۋىق قىلىش كېرەك.

  5. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇنى ئىدىيە ۋە خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىش، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ‹‹سەككىز ماھارەت››نى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئۇلۇغ دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بىزنىڭ شەرىپىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. ‹‹ئۈچ ئىزچىل›› تەلىپى بويىچە ‹‹بەش قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈش››نى ئۈلگە قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى