ـــ ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
يۆنىلىش ۋە پىرىنسىپ ئىنتايىن مۇھىم. قانداق ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، قانداق ئىسلاھات پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئىسلاھاتنىڭ خاراكتېرىنى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ.
ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھاتتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەكىتلەندى. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۆت پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىسزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پىشقان، تېخىمۇ تۇراقلاشقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشتە، جەزمەن بۇ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
خەلقنى مەركەز قىلىش پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسى، بىز جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ئىسلاھات قىممەت يۆنىلىشىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ: پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىگە ئىنتىلسە، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇپ، شۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك، دېدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىسلاھاتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىدا نامايان قىلىش شەرت. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن خەلق ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش ـــ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، ئىسلاھاتنىڭ نىشانى ـــ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. ئەلالاشتۇرۇش دېگەنلىك ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش دېگەنلىكتۇر؛ ماسلاشتۇرۇش دېگەنلىك بىرلىككە كەلگەنمۇ بولۇش، ئايرىملىقمۇ بولۇش، ئاساسلىقىمۇ، 2 – ئورۇندا تۇرىدىغىنىمۇ بولۇش دېگەنلىكتۇر؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش دېگەنلىك مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرتىپنى راۋانلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا، خەلقنىڭ رايىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپپاراتنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەنىڭ سەپلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماس ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا سىياسەت چىقىرىش، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق، بىر – بىرىگە ئىتتىرىشتىن ساقلىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگەتكەندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى تېخىمۇ ئىلمىيلەشتۈرگىلى، فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرغىلى، ھوقۇق – مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرغىلى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگىلى، ئايلىنىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ.
دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ـــ پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى تۈپ ئۇسۇلى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ ئۆزئارا بىردەكلىكىدە، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن – نىزام ئارقىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەم قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھاتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئاساسىدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئىسلاھاتلاردا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم ئىسلاھات ئارقىلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.
ھەر قانداق ئىشتا تۇتقا تۇتۇلسا، قالغان ئىشلار يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۆت پىرىنسىپى ھەم ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىلىش نەزەرىيەسى، ھەم ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مېتودولوگىيەسى بولۇپ، ئىسلاھاتنى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشانى، پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم – كوتسىز چىڭ تۇتىدىغانلا بولساق، جەزمەن ئىسلاھاتنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)