تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

«ھۆكۈمران ئۈزۈك»نى ئىزدەش

  يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 27- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 21 ياشلىق بىرىي ۋويداچ ئامېرىكىدىن يېڭى زېلاندىيەگە بېرىپ، ئۈچ بۆلۈملىك «ھۆكۈمران ئۈزۈك» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان جايلاردا سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.

  2001-يىلى «ھۆكۈمران ئۈزۈك»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى قويۇلغاندىن باشلاپ، ھەر يىلى نۇرغۇن كىنو مەستانىسى يېڭى زېلاندىيەگە بارغان. ئەمما بۇ قېتىم بۇ فېزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىرىي «ھۆكۈمران ئۈزۈك» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان ئەڭ ئېنىق ئورۇننى تېپىپ سۈرەتكە چۈشۈشنى پىلان قىلغان.

  ئۇ ئىككى ھەپتىدە يېڭى زېلاندىيەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى «ھۆكۈمران ئۈزۈك» فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ تاپقان. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نۇرغۇن جايغا بېرىپ، ھەربىر جاينى فىلىمدىكى كۆرۈنۈش بىلەن سېلىشتۇرغان. گەرچە «ھۆكۈمران ئۈزۈك» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان جايلارنى تېپىش تەسكە چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ جەريانى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن، بىرىي فىلىمدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۇرۇش سۈرەتكە ئېلىنغان پېلېننور تۈزلەڭلىكى، فىلىمدىكى خوببىتلارنىڭ ئۆڭكۈرى قاتارلىق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان جايلارنى ئىزدەپ تاپقان. شۇنداقلا، فىلىمدىكى «ئالۋاستى ئۆڭكۈرى» نىڭ ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق «ھۆكۈمران ئۈزۈك»نى ئىزدەش سەپىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى