تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

  (2018–يىلى 3– ئاينىڭ 1–كۈنى)

  شى جىنپىڭ

  يولداشلار، دوستلار:

  بۈگۈن بىز ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ پارتىيە، خەلق، دۆلەت ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىۋاتىمىز، ئۇنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئالىيجاناب روھىنى ئەسلەۋاتىمىز ۋە ئۆگىنىۋاتىمىز.

  يولداش جوۋ ئېنلەي ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىكى ئۇلۇغ تۆھپىكار، شۇنداقلا يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى.

  جوۋ ئېنلەي، بۇ شەرەپلىك ھەم ئۆچمەس ئىسىم. بىز ھەر قېتىم بۇ ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمىز، تولىمۇ پەخىرلىنىمىز. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىزدەنگەن، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شانلىق ھاياتىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى، نامايان قىلغان يۈكسەك خىسلىتى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەت، ئادالەت ئىزدەيدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

  يولداش جوۋ ئېنلەي 1898 – يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى تۈپەيلىدىن، جۇڭگو ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى، ئىجتىمائىي كىرىزىس مىسلىسىز ئېغىرلاشقان، خەلق ناھايىتى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچار بولغانىدى. دۆلەت قىيىنچىلىققا، خەلق ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، يولداش جوۋ ئېنلەي ‹‹جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى›› ئۈچۈن ئوقۇشقا بەل باغلاپ، ‹‹تىرىشىپ ئىلىم – پەن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىركىشىلىك تۆھپە قوشۇش››قا قەسەم قىلدى، ‹‹ئۇزاق يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتىش››تەك ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆزى بىلەن دەۋرداش بولغان كۆزگە كۆرۈنگەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا ئوخشاش چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، قەددىنى رۇسلاپ، دۆلەت ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھەقىقىتى ۋە يولى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى. ئۇ ‹‹4 – ماي›› ياشلار ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ماركسىزم – لېنىنىزم بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدى، كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، تەكرار سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كوممۇنىستىك ئېتىقاد تۇرغۇزدى. ئۇ 1921 – يىلى پارىژدا ياۋروپادىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ توغرا يولىنى تېپىشى، خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇشى، ئىنقىلابىي بىرلىك سەپ قۇرۇشى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان يېڭى جۇڭگو قۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭغا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ئۇ 1924 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۈيۈك ئىنقىلاب قاينىمىغا چۆكۈپ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولدى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ قوراللىق كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەڭ بۇرۇن تونۇپ يەتكەن ۋە ئەڭ بۇرۇن ھەربىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جوۋ ئېنلەي نەنچاڭ قوزغىلىڭىنى قوزغاشقا رەھبەرلىك قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتتى، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنياغا كەلدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئىنتايىن دەھشەتلىك ئاق تېررورلۇق ۋەھىمىسى مەزگىلىدە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا پارتىيەنىڭ مەخپىي خىزمەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جايلاردىكى ئىشچى – دېھقان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كۈرەش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، ‹‹يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قورال كۈچى ئارقىلىق تارتىۋېلىش››تەك جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ توغرا يولىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. يولداش جوۋ ئېنلەي جياڭشى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىغا كەلگەندىن كېيىن، يولداش جۇ دې قاتارلىقلار بىلەن بىللە 4 – قېتىملىق ‹‹قورشاپ يوقىتىش››قا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قوماندانلىق قىلدى ھەم كۈرەش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. زۈنيى يىغىنىدا ئۇ يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللاپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ قىزىل ئارمىيە ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلەشتە، قىيىن ئەھۋالدا قىزىل ئارمىيەنى، پارتىيەنى قۇتقۇزۇشتا، جۇڭگو ئىنقىلابىدا تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ‹‹شىئەن ۋەقەسى›› يۈز بەرگەندىن كېيىن، يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېنى بويىچە شىئەنگە بېرىپ كۆپ تەرەپتىن ياراشتۇرۇپ، ‹‹شىئەن ۋەقەسى››نىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ 2 – قېتىم ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. ئومۇمىي خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەمىزگە ۋاكالىتەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئۇزاق مەزگىل ئىزچىل خىزمەت قىلىپ، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە مايىل قىلىپ، گومىنداڭ جاھىل كۈچلىرى بىلەن دادىل ۋە تەدبىرلىك كۈرەش قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يولداش جوۋ ئېنلەي يولداش ماۋ زېدۇڭغا ھەمراھ بولۇپ چۇڭچىڭغا بېرىپ، گومىنداڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئاندىن پارتىيەمىز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك سۆھبەت كۈرىشى قىلدى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يولداش جوۋ ئېنلەي يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك زور ھەل قىلغۇچ جەڭلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىشىغا ياردەملەشتى ھەم گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئىككىنچى سەپنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەمىزگە ۋەكىل بولۇپ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلار بىلەن دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى، ‹‹ئورتاق پىروگرامما››نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يولداش جوۋ ئېنلەي دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇل خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى. يولداش جوۋ ئېنلەي 26 يىل ھۆكۈمەت زۇڭلىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ ھەم دۆلەت قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇھىم لايىھەلىگۈچىسى، ھەم ئۇنى يولغا قويۇشتىكى مەشھۇر تەشكىللىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى. يولداش جوۋ ئېنلەي ‹‹دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشنى ئىقتىسادنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، دۆلىتىمىز مەڭگۈ ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ››، ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش خىزمىتى پۈتكۈل دۆلەت ئىشلىرىدا ئاللىبۇرۇن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ‹‹تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىزمدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە مەنىۋى قۇرۇلۇشمۇ بولۇشى، چوقۇم ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك›› دەپ تەكىتلىگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئىلىم – پەن ئىقتىساد، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلغۇچ ئامىل، ‹‹بىز جەزمەن تېز قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ پەن – مەدەنىيەت كۈچىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ئانچە ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹بىز ئۆتكۈر دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئۆتكۈر بولۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى زىچ مۇناسىۋەتلىك›› دەپ تەكىتلىگەنىدى، ‹‹ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ›› قۇرۇلۇشىدا كەڭ كۆلەمدە پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي تاشقى ئىقتىساد ئالاقىسى ۋە چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىشكە جۈرئەت قىلىش ئۆزىگە ئەڭ ئىشىنىش ۋە ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىشنىڭ ئىپادىسى، مۇشۇنداق مىللەت چوقۇم ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغان مىللەت بولالايدۇ›› دەپ تەكىتلىگەنىدى.

  يولداش جوۋ ئېنلەي سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 2 –، 3 –، 4 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلىك سەپنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. يولداش جوۋ ئېنلەي ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى قەتئىي ئەستىن چىقارماي، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا نۇرغۇن ئۇللۇق، يول ئېچىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي يېڭى جۇڭگو دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە قالتىس، ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان ‹‹تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى›› دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى. ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستىمىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ مول ۋە چوڭقۇر دىپلوماتىيە ئىدىيەسى، مول ۋە رەڭگارەڭ دىپلوماتىيە ئەمەلىيىتى، ئۆزگىچە دىپلوماتىيە سەنئىتى ۋە دىپلوماتىيە ئۇسلۇبى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستانە زاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى ناھايىتى يۇقىرى خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە قىلدى.

  ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئالاھىدە شارائىتتا، يولداش جوۋ ئېنلەي ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئارمان ئۈچۈن ئاھانەتكە چىداپ، خەتەرلىك ۋەزىيەتتە ئۆزىنى قويۇۋەتمەي، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى قوغداپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىياننى ئازايتتى. يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەنىڭ زور بىر تۈركۈم رەھبەرلىك تايانچلىرى، دېموكراتىك زاتلار ۋە زىيالىيلارنى قوغداپ قالدى؛ يولداش ماۋ زېدۇڭغا ياردەملىشىپ، لىن بياۋ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىنىڭ ئالىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى. ‹‹13 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن كېيىن، يولداش جوۋ ئېنلەي مەركەزنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىنتايىن سولچىل پىكىر ئېقىمىنىڭ خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشىلىدى. ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تەرتىپكە سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، بۇ ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ كېيىنكى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى؛ ئۇ 4 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ‹‹تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى تەكىتلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى.

  يولداش جوۋ ئېنلەي 1927 – يىلىدىن باشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادرولۇق رەھبىرىي ئەزاسى بولدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى، ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر بىر زور غەلىبە ئۈچۈن نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە، ئامما ياراتقان يېڭى تەجرىبىلەرنى بايقاش ۋە يەكۈنلەشكە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىدىن ئەقىل – پاراسەتكە ئېرىشىشكە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە، بىرلىك سەپ ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ تۆھپە قوشۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىدىكى پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىنى مۇھىم ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئىگە قىلدى.

  يولداشلار، دوستلار!

  يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك كۈرەش قىلغان كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان تارىخىنىڭ جانلىق، ئىخچام كۆرۈنۈشى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاپىرىدە بولۇپ، دۇنياغا كېلىپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە يۈكسەك خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە بولغان تارىخىنىڭ جانلىق، ئىخچام كۆرۈنۈشى، جۇڭگو خەلقى ئۆزى تاللىغان ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ، زەپەر قۇچۇپ ئىلگىرىلىگەن تارىخىنىڭ جانلىق، ئىخچام كۆرۈنۈشى. يولداش جوۋ ئېنلەي يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئارىسىدىن چىققان بىر نۇرلۇق چولپان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بايرىقى. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ئالىيجاناب روھى، ئېسىل پەزىلىتى، ئۇلۇغ خىسلىتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى تەسىرلەندۈرمەكتە ۋە تەربىيەلىمەكتە. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ سىيماسىدا نامايان بولغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالىيجاناب روھى تارىخقا ھەم دەۋرگە مەنسۇپ، ئۇ بىزنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  ـــ يولداش جوۋ ئېنلەي ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئېتىقادنى چىڭ ساقلاشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى. يولداش جوۋ ئېنلەي كوممۇنىستىك ئېتىقادنى تۇرغۇزغاندا مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹مەن ئېتىقاد قىلغان ئىزم چوقۇم ئۆزگەرمەيدۇ ھەم ئۇنى قەتئىي تەشۋىق قىلىمەن ۋە ئۇنىڭدا ماڭىمەن››. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ، قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان روھ بىلەن كوممۇنىزم ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن››. يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆمۈرۋايەت ئۆز قەسىمىگە ئەمەل قىلدى. ئىنقىلاب كۈچىنىڭ قانچىلىك ئاجىز، ئاق تېررورلۇقنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنىڭ قانچىلىك كەسكىن، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى دۇچ كەلگەن خىرىسنىڭ قانچىلىك ئېغىر، زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل، شەخسىي ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مۇستەھكەم غايە – ئېتىقادى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ئىنقىلابىي روھنى باشتىن – ئاخىر ساقلىدى. ئۇ ئۆز – ئۆزىنى ئانالىز قىلغاندا ‹‹مەن خىزمەت قىلغاندا، ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان›› دېگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ پارلاق ئىستىقبالى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە باشتىن – ئاخىر چوقۇم تولۇق غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىدى.

  ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. غايە – ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي جېنى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى، چەكسىز ئازاب – ئوقۇبەت چەككەن بولسىمۇ، پولاتتەك تاۋلانغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ـــ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىنقىلابىي ئېتىقادقا بولغان قەتئىي ئىشتىياقنىڭ باشتىن – ئاخىر ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدا. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست، ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا غايە – ئېتىقادىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز كېرەك. غايە – ئېتىقاد نىشانىمىز ۋە مەيدانىمىزنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا سۆز ۋە ھەرىكىتىمىزنىمۇ بەلگىلەيدۇ. بىز ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكى، سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ـــ يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئومۇمىيەتنى قوغداشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى. يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ، ئەزەلدىن شەخسىي ئورنى ۋە پايدا – زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزى بىلەن تەشكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئومۇمىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەشنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلدى. يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى. ‹‹ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان رايون ۋە تارماقنىڭ <ئۆزى بەگ، ئۆزى خان> بولۇۋېلىشىغا قارشى تۇردى ۋە ئۇنىڭدىن ھوشيار تۇردى، ئۆزىنى تەشكىلدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋېلىشقا قارشى تۇردى››، يولداش جوۋ ئېنلەي ئۇرۇش يىللىرىدا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولغان مەزگىلدە ‹‹پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك رولىنى مۇتلەق ئۆستۈرۈش كېرەك. قىزىل ئارمىيەگە پارتىيەلا رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيە مەركەزلىك رەھبەرلىك قىلىش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، نوپۇزىنى تىكلىشى كېرەك›› دېگەنىدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا، يولداش جوۋ ئېنلەي ‹‹تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى››نى، ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش تۈزۈمى››نى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى دائىم ئاڭلىق قوغداپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ داھىيلىق ئورنىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز بولغان ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇردى ۋە ئۇنى بايقۇت قىلدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ھەرقانداق مەزھەپچىلىك ئىدىيەسى، كىچىك گۇرۇھ ئادىتى، مەھەللىۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق، تار مەھكىمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەزەلدىن گۇرۇھۋازلىق، ئايرىمىچىلىق قىلماي، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ھەرقانداق شارائىتتا ئالدى بىلەن سىياسىي ئۆتكەلدىن ياخشى ئۆتۈشنى تەلەپ قىلاتتى.

  بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىغا قاراشتا، ئالدى بىلەن سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ياكى مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان ياكى قوغدىمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە باشتىن – ئاخىر قاتتىق بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

  ـــ يولداش جوۋ ئېنلەي خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەش، خەلقنى كۆزلەشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئوبرازلىق قىلىپ، ‹‹تاغدىن چۈشكەندە تاغنى، شەھەرگە كىرگەندە يېزىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ئۇنى ئۇنتۇش ئەسلىنى ئۇنتۇغانلىق›› دېگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ سۆزىدىكى بۇ ‹‹ئەسلىنى›› دېگەن گەپ دەل خەلق ئاممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ‹‹بىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ ياردىمىدە قولغا كەلگەن، ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ››، ‹‹ئاساسىي سىنىپىمىز بولغان ئاممىدىن ئايرىلىپ قالساق، پارتىيەنىڭ ئاساسىدىن مەھرۇم قالىمىز››، دېگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆزىنى ‹‹ئاممىنىڭ باش خىزمەتكارى››، دەپ قاراپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئاممىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قىزغىن سۆيۈپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يېدى. ئاممىنىڭ دەردى – ھالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلا بولىدىكەن، ھەر دائىم چەكسىز غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، ھالىغا يېتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، قايغۇ ۋە شادلىقتا بىللە بولۇپ، تەڭ ئىلگىرىلىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم ئامما ئارىسىغا، بىرىنچى سەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ ‹‹تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك، قالايمىقان ئىش قىلىشقا بولمايدۇ››، ‹‹ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەشتە، پۇقرالارغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك››، دېگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەگە جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ شەرەپلىك ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. ‹‹خەلقنىڭ زۇڭلىسى خەلقنى سۆيىدۇ، خەلق خەلقنىڭ زۇڭلىسىنى سۆيىدۇ››، خەلق ئاددىي تىلى ئارقىلىق يولداش جوۋ ئېنلەيگە بولغان ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە بولۇپ، ئاممىدىن ئايرىلسىلا، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بارلىق پائالىيەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ـــ يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئۇزاق مۇددەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، بىراق باشتىن – ئاخىر كىچىك پېئىل، كەڭ قورساق، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلانماي ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماي، ئۆزىگە ‹‹قانچىلىك ئۆمۈر كۆرسە، شۇنىڭغىچە ئۆگىنىش، شۇنىڭغىچە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش››تەك دەستۇر تىكلىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئىدىيە ئۆزگەرتىشنى كەم بولسا بولمايدىغان ھاۋاغا ئوخشاتتى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: ‹‹ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسىدا پارتىيەگە كىرگەن كۈندىن باشلاپ، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشكە تەييار تۇرۇش، ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزگەرتىش كېرەك، دەيدىغان تونۇش بولۇشى كېرەك››، ‹‹بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئەگەر ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىپ بولدۇم، ئەمدى يەنە ئۆزگەرتىشىم ھاجەتسىز، دەپ قارىسا، ئۇنداقتا، ئۇ ياخشى كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس››، ‹‹رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتى خاتالىقىنى يوشۇرۇپ ئەمەس، بەلكى خاتالىقىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا تىكلىنىدۇ؛ ماختىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش جەريانىدا يېتىلىدۇ››. ئوخشاش بولمىغان دەۋر ۋەزىپىسى ۋە دەۋر تەلىپى ئالدىدا، يولداش جوۋ ئېنلەي دائىم ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن يېڭى خىرىسلارنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىشىغا قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ھاياتىدا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن خىسلىتى. پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم باشتىن – ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزۈل – كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش قابىلىيىتى ۋە سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئىسلاھات – يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش قابىلىيىتى، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋار كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   ـــ يولداش جوۋ ئېنلەي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاخىرقى نەپسىگىچە بەجانىدىل ئىشلەشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى. يولداش جوۋ ئېنلەي بىر ئۆمۈر جاسارەت بىلەن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، بىز ۋاقتىنچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى ئۈستىمىزگە ئالماي تۇرالمايمىز››، ‹‹قىيىنچىلىقتىن قورقۇش – سۈكۈت قىلىش كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتى ئەمەس››. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەتتە كۈندە 12 سائەتتىن كۆپرەك، بەزىدە ھەتتا 16 سائەتتىن كۆپرەك خىزمەت قىلدى. ‹‹مەدەنىيەت زورئىنقىلابى›› مەزگىلىدە تېخىمۇ جاپالىق، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى، بەزى كۈنلەردە ئىككى – ئۈچ سائەتلا ئارام ئالدى، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئىشلىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ‹‹تارىخ سەھنىسىگە چىقىرىلغان ئىكەنمەن، تارىخىي ۋەزىپەمنى ئورۇندىشىم كېرەك›› دېگەنىدى. ئۇ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىمۇ، ئاغرىقچان ھالەتتە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ غېمىنى يېدى. ئۇ ‹‹مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن. كونىلاردا 70 يىل ئۆمۈر كۆرۈش ئاسان ئەمەس، دەيدىغان گەپ بار، مەن ھازىر 77 ياشقا كىردىم، ئۇزاق ئۆمۈر كۆردۈم، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ 20 نەچچە يىلدا چوقۇم دۆلىتىمىزنى ياخشىراق گۈللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۆپرەك ياخشىلاپ، ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ئارمىنىم يوق ئىدى، ھازىر بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆلۈپ كەتسەم، ئازابلىنىمەن، ئۇيىلىمەن›› دېگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرقى نەپسىگىچە ھەقىقەتەن بەجانىدىل ئىشلىدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بىز يېڭى تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى خەۋپ – خەتەر، يېڭى خىرىس، يېڭى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق، پۈتۈن پارتىيە چوقۇم تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، زىددىيەتكە دادىل يۈزلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدىغان، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ ۋە ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، دەۋر، خەلق ۋە تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

  ـــ يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، پاك – دىيانەتلىك بولۇشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى. يولداش جوۋ ئېنلەي ‹‹كۆڭلى – كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ، ئىرادىلىك، ئالىيجاناب›› كىشى ئىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي بىر ئۆمۈر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ، ئاددىي – ساددا ياشاپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنىلا ئويلاپ، قىلچىلىك تەمەدە بولمىغانىدى. ئۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئىدىيە ئۆتكىلى، سىياسىي ئۆتكەل، جەمئىيەت ئۆتكىلى، تۇغقاندارچىلىق ئۆتكىلى، تۇرمۇش ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈش، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ساقلاش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئالاھىدە بولۇۋالمايتتى، ئومۇمەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆزى قىلاتتى. 1935 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە لياڭخېكوۋ رايونىغا كېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى قايتا ئۆزگەرتىپ سايلىدى، مۇھاپىزەتچى ۋېي گولۇ يولداش جوۋ ئېنلەي قاراشلىق پارتىيە ئەزالىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلاندى، بىر قېتىم يولداش جوۋ ئېنلەي ۋېي گولۇدىن نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت پارتىيە ئەزالىرى گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچمىغانلىقىنى سورىغاندا، ۋېي گولۇ ‹‹پارتىيە ئەزالىرى گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتۇق، سىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىزنى كۆرۈپ، سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان››، دېدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئادەتتە كەم كۆرۈلىدىغان قاتتىق پوزىتسىيەدە ئۇنى تەنقىدلەپ، ‹‹بۇنداق قىلساڭلار قانداق بولىدۇ؟ مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك. پارتىيەمىز ئىچىدە ھەر قانداق كىشى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ، ھەممەيلەن تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى كېرەك، مانا بۇ پارتىيەۋىلىك مەسىلىسى›› دېگەنىدى. 1958 – يىلى 1 – ئايدا يولداش جوۋ ئېنلەي خاڭجۇغا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغاندا، ئۆزىنىڭ ياستۇق لۆڭگىسى، يوتقان – كۆرپە، كىرلىكىنى ئېلىۋالغانىدى. يوتقان ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ مېييۈەن يېڭى كەنتىدە ئىشلەتكەن يوتقان بولۇپ، تولا يۇيۇلۇپ ئۆڭۈپ كەتكەنىدى. ياستۇق لۆڭگىسىمۇ ئىشلىتىۋېرىپ، يىرتىلىپ كەتكەن، يولداش جوۋ ئېنلەي يىرتىق يەرنى كېسىۋېتىپ، قايتا ياماپ داۋاملىق ئىشلەتكەنىدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇھاپىزەتچىلەر باشقارمىسىدىكى يولداشلار بۇنىڭغا چىدىماي، ئۇ يىغىنغا كەتكەن پۇرسەتتە ئارقا سەپ تەمىنات تارمىقىدىن يېڭى ياستۇق لۆڭگىسى ئېلىپ كېلىپ، قويۇپ قويدى. يولداش جوۋ ئېنلەي يىغىندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يېڭى ياستۇق لۆڭگىسىنى كۆرۈپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇھاپىزەتچىلەر باشقارمىسىدىكى يولداشلارغا چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ‹‹دۆلىتىمىز تېخى ئانچە باي ئەمەس، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئەنئەنىسىنى ساقلىشىمىز كېرەك، بېيىغاندىن كېيىنمۇ، بۇ شەرەپلىك ئەنئەنىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ››، دېگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي سەمىمىيلىك بىلەن ‹‹600 – 700 مىليون نوپۇسى بار جۇڭگودا بىرلا زۇڭلى بار، ھەرقانچە كەمبەغەل بولساقمۇ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە قۇر يېڭى كىيىم چىقىدۇ، ئەمما مەسىلە كىيىمنىڭ چىقىش ياكى چىقماسلىقىدا ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادچىل بولۇش، راھەتپەرەسلىك قىلماسلىق، كۆپچىلىكنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كومپارتىيە ئەزاسىلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈندۇر››، دېگەنىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، يولداش جوۋ ئېنلەي باشلامچىلىق بىلەن يۇرتىدىكى نەچچە ئەۋلاد ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ تۈزلىتىپ، يەرنى ئومۇم ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغقانلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارغا ‹‹ئون تۈرلۈك ئائىلە قائىدىسى›› تۈزۈپ بەردى، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرى، دوستلىرىغا قىلچە پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزمىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ئەۋلادلىرىغا فېئوداللىق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىش، ئۆز – ئۆزىگە ئىشەنچ باغلاش ۋە ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش، مۇناسىۋەتكە تايانماي، ئۆزى تىرىشىش، كىشىلىك ھايات يولىنى ئاچقۇچىلاردىن بولۇش توغرىسىدا سەمىمىي تەلىم – تەربىيە بېرەتتى. ئۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتنى تىلغا ئالماسلىق، زۇڭلىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنى، دېگەن دەستەكنى كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىك، ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلماسلىق ۋە شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىكنى ئالاھىدە جېكىلىگەنىدى. يولداش جوۋ ئېنلەي ھېچقانداق مال – مۈلۈك قالدۇرمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ جەسەت كۈلىنى ساقلاشقىمۇ ئۇنىماي، ۋەتەننىڭ دەريا – دېڭىزلىرىغا چېچىۋېتىشنى تاپىلىغانىدى. ‹‹ئاقىل كىشىلەر ئادەمگە ئۆرنەك بولىدۇ، خۇددى كۆيۈۋاتقان شامغا ئوخشاش خالىس بولىدۇ››. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ شەخسىيەتسىز ھاياتى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ، دەيدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر پەزىلىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئۇ مەڭگۈ كېيىنكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

  پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، قولىمىزدىكى ھوقۇقنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەنلىكىنى، ئۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ۋىجدانلىق، پاك – دىيانەتلىك، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلقتىن، تەشكىلدىن، قانۇن – ئىنتىزامدىن ھېيىقىشنى بىلىپ، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ھەرگىز داغ تەگكۈزمەي، ھەرگىزمۇ ئىمتىيازلىق بولۇۋالماي، ھەرگىزمۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىمىزگە چوغ تارتماي، ئادىل، دۇرۇس كوممۇنىستلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  يولداش جوۋ ئېنلەي ياشلىق دەۋرىدە: ‹‹ئارزۇيۇم جۇڭخۇانىڭ دۇنيادا تېز قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈش››، دېگەن سۆزنى يېزىپ قالدۇرغان. جوۋ ئېنلەي يەنە مۇنداق دېگەن: ‹‹بۈگۈنكى بۇ دۇنيادا بىز ئۆزىمىز كۈچەيمىسەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقمىساق، جاھانگىرلار بىزنى بوزەك قىلىدۇ››. بۈگۈنكى كۈندە بىز يولداش جوۋ ئېنلەي قاتارلىق بىر ئەۋلاد پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا ‹‹يېقىنقى زاماندىن بۇيان، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى››، دەپ جاۋاب بېرەلەيمىز. يولداش جوۋ ئېنلەي ھايات ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە كۈچىگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامرات، ئاجىز ھالىتى ئەمدى كەلمەسكە كەتتى! يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ھايات ۋاقتىدا يۈرەكلىرىنى پارە – پارە قىلغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يەيدىغىنى ئاز، كىيىدىغىنى كەم بولۇش ئەھۋالى ئەمدى كەلمەسكە كەتتى! ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق. يولداش جوۋ ئېنلەي ھايات ۋاقتىدا ئارزۇ قىلغان جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېقىن كەلگۈسىدە تامامەن يېتەلەيمىز.

   يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئايدىڭلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، دادىل يول ئېچىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.