كۆپىنچە كىشىلەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى گىرىمىنى يۇيۇۋېتىدۇ. ئەنگلىيەدىكى داۋالاش ئاپپاراتى «لوندون دوختۇرى ئامبۇلاتورىيەسى» داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پرىتتى دانىيېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ گىرىمنى يۇيۇۋېتىش كېرەك ئىكەن، ئۇنداق قىلمىغاندا تېرە ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن.
ئەنگلىيە «ئەينەك گىزىتى» نىڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدىمۇ دانىيېلنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئادەم تەر ئاققۇزۇش ئارقىلىق بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىكەن، ھەمدە ئارىلاشما ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدىكەن. تېرىدىكى تەبىئىي مايلار ئەسىلىندىلا مەلۇم دەرىجىدە تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدىغان بولغاچقا، ئارىلاشما ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، باكتېرىيەنى پەيدا قىلىدىكەن، مەسىلەن، دانىخورەكنى پەيدا قىلىدىغان پروپىئونى باكتېرىيەسىنى پەيدا قىلىدىكەن. گىرىم قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا، ئارىلاشما ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىپ چىقىشى تېخىمۇ تەس بولىدىكەن.
شۇڭا، مەيلى سىز ئىشلىتىۋاتقان پەرداز بۇيۇمىنىڭ نەملىك ساقلاش، ئاقارتىش، تېرىنى چىڭىتىش ئىقتىدارى قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىلگىرى گىرىمنى يۇيۇۋېتىشىڭىز كېرەك.