تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئىشخانىدىكى ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار چىنىقىدىغانغا ۋاقىت يوق، بىر كۈن سەككىز سائەت ئولتۇرغىنىمىز ئولتۇرغان، ئىشتىن چۈشكەندە ھېرىپ مىدىرلاش خۇشياقمايدۇ دەپ ئاغرىنىدۇ.  ئەمەلىيەتت، پەقەت توغرا ئۇسۇلنى قوللانسىلا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.  بۇگۈن بىز ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان خىزمەتچىلەر ئۇچۇن قورساقتىكى گۆشنى يۇقىتىدىغان ئامالنى ئۆگىتىمىز.

 بىرىنچى، كۆپ تۇرۇپ بېرىڭ

ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغانلار ئاسان قورسىقىغا گۆش يىغىۋالىدۇ. بىر كۈن سەككىز سائەت كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ناھايىتى ئاز ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چۈشتە تاماق يەپ بوپلا ئۇخلايدۇ.  بۇنداق بولسە ئەلۋەتتە سىمىرىدىغان گەپتە. شۇڭا چوقۇم ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئورۇندىن تۇرۇپ پۇت قوللارنى سوزۇپ، بەللەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.بولۇپمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن  چۇقۇم مېڭىپ بېرىش كېرەك.

ئىككىنچى. كۆپ سۇ ئىچىشنىڭ پايدىسىنى ھەممىمىز بېلىمىز ، ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئېچىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك، ئەگەر چۈشتە مايلىق تائاملارنى ئىستېمال قىلغان بولساق چوقۇم كۆپرەك سۇ ئىچىشىمىز كېرەك. سۇنى جىق ئىشكەندە ، ئوبۇرنىغا كىرىدىغان قېتىم سانىمۇ كۆپىيىدۇ. ئورۇندىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان پۇرسەتمۇ كۆپىيىدۇ.

ئۇچىنچى، كۆپۈنچە قىزلار پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئادەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ ھەرىكەت قان تومۇر ۋە نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ. ئەسلىدىلا ئولتۇرغاندا قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلىشىپ، مايلار يىغىلىشىپ قالىدۇ، ئەگەر يەنە قان تومۇر ۋە نېرۋىنى باسسا، تېخىمۇ  سېمىرىپ كېتىمىز.

تۆتىنچى،  قورساقنى ئۇۋۇلاپ بېرىش

 قورساقنى ئۇۋۇلاپ بېرىش تولىمۇ ياخشى بىر تاللاش، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئوڭ قولىڭىز بىلەن قورسىقىڭىزدىكى گۆش بار يەرنى بېسىپ تۇرۇپ، بىر ئاز كۈچەپ تۇرۇپ سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى بويىچە ئۇۋىلاڭ، بىر ھازادىن كېيىن، يەنە بىر ئاز كۈچەپ ئۇۋىلاڭ، مۇشۇ تەرىقىسىدە گۆشلىرىڭىز قىززىغىچە ئۇۋىلاپ توختىتىڭ. بۇ  ھەرىكەتنىڭ ماينى ئېرىتىشىغا پايدىسى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى