تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قىشتا سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش كېرەكمۇ؟

    قىشتا يۈز يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟
    نۇرغۇن كىشىلەر تېرىسىگە ماي ئۆرلەپ كېتىشتىن ئىنتايىن بىزار ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى سەتلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۈز تېرىمىزدىكى ماينىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان فىزىئولوگىيەلىك رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ نورمال توسۇش ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
    ئەگەر ياشلارغا يۈز تېرىسىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۆپ بولۇش سەۋەبلىك دانىخورەك چىقسا، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى ئىسسىق سۇ بىلەن كۈندە بىر قېتىم مايلارنى تازىلىسا بولىدۇ. ئەمما ماينى كۆپ تازىلىغاندا باشقا تېرە مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ، يىلتىزىنى تازىلاش زىيادە بولۇش سەۋەبلىك تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
    قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، مايلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاز بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا تېرە قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا يازدا يۈز يۇيۇش ئارقىلىق مايلارنى تازىلاش ئۇسۇلى قىشتا قوللىنىشىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر تېرىڭىزنى قۇرغاقلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلسىڭىز، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشنى توختاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    يۈز يۇيىدىغان سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. تېرىسى ئەسلىدىنلا بىر قەدەر قۇرغاق كىشىلەرنىڭ تېرىسى قىشتا تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا يۈز يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەنرەك بولسا مۇۋاپىق. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا، تېرىدىكى ئەسلىدىنلا ئاز بولغان ماينى يوقۇتىۋېتىدۇ.
    ئەمما بەك سوغۇق بولغان سۇدىمۇ يۈز يۇيماسلىق كېرەك، چۈنكى زىيادە سوغۇق سۇ يۈزدىكى قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ، تېرە يېغىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى روشەن كېمەيتىۋىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، تېرە تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى