تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش خەتەرلىك

   بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دېگەنلىك ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ سىرتىغا ئورۇنلىشىپ قالىدىغان غەيرىي ھامىلىدارلىق جەريانىدۇر، ئەگەرۋاقتىدا بايقالمىسا ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۇرغۇن ئاياللار بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ كونكرېت زىيىنىنى چۈشەنمەيدۇ، تۆۋەندە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولغاننىڭ زىيىنى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتىمىز.
   ھوشىدىن كېتىش ۋە شوك بولۇپ قېلىش
  قورساق بوشلۇقىدا قاناش تۈپەيلىدىن ئايلىنىش سىستېمىسىدا قان مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئازىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، قورساق قاتتىق ئاغرىش، يېنىك دەرىجىدە ھوشىدىن كېتىش، چىرايى تاتىرىش، پۇت-قوللىرى مۇزدەك تەرلەش، تومۇر سوقۇشى تېز ھەم ئاجىز بولۇش، قان بېسىمى چۈشۈپ كېتىش،  شوك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

     بويىدىن ئاجراش
    تولۇق بويىدىن ئاجراشتا قان ئاز چىقىدۇ، بىر قىسىم تىۋىتچە تۈكلەر يەنىلا تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ، ئوزۇقلۇق ھۈجەيرىسى تۇخۇم نەيچىسى دىۋارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇخۇم نەيچىسى مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىز بولسا ، قان تومۇرئېتىلىپ قېلىپ، قان كۆپ چىقىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ.
   بالىياتقۇ سىرتىدا قايتا ھامىلىدار بولۇش
   تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇرۇن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ % 10 ~ %15تىنىڭ قايتا ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. %50 ئاياللار بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولماسلىقى مۇمكىن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغانلارنىڭ تۇخۇم نەيچىسىنىڭ بىر تەرىپىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، يان تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە يەنىلا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدىكەن. دېمەك، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغان ئاياللار ئەگەر يەنە بىر قېتىم ھامىلدار بولماقچى بولسا، ھامىلىدار بولغان 50 كۈندىن كېيىن بىر قېتىم B تىپلىق ئولترا ئاۋازلىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن، ھامىلىدار خالتىسى ۋە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇش ئورنىغا ئاساسەن بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىققا ھۆكۈم قىلغىلى، دەسلەپكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن.

    پارچىلىنىش
   ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىكى تىۋىتچە تۈك تۇرۇبا دىۋارى مۇسكۇل قەۋىتى ۋە شىرىلىك پەردىنى چىرىتىپ، تۇخۇم نەيچىسى يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىچىك ئارتېرىيەنى زەخىمىلەندۈرۈپ، جىددىي خاراكتېرلىك قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا،  ئورگانىزملارنىڭ قان ئۇيۇتۇش مېخانىزمى قان توختىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولالمايدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا بىمارنىڭ قانسىراش خاراكتېرلىك شوك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ، ھاياتىغا خەۋپ ئەكىلىشى مۇمكىن.  دېمەك، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق بايقالغان ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
 ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
  بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئاياللار ئۈچۈن بىۋاسىتە سەۋەب ئەمەس، بەلكى ۋاسىتىلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن : تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ئاياللارنى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا تۇغماسلىق ،ھامىلە چۈشۈپ كېتىش، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

  ھاياتقا خەۋىپ ئەكىلىدۇ
  تەخمىنەن 1/3 بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولغانلار دوختۇرخانىغا كىرگەندە شوك بولۇپ قالسا،شوكنىڭ ئېغىر-يىنىك دەرىجىسى قاننىڭ كۆپ چىقىش دەرىجىسىگە باغلىق. بالياتقۇ يېرىلغان ھامان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوۋساق بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا قاناش يۈز بېرىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى