تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا

  تاڭ كەندۇڭ

  سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تارىخىي جەريانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى 1 – ، 2 –، 3 – كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىنى ۋە تۈپ يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى دەۋردە سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى جىپسىلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  2017 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تارقىتىلغان مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مەركەز ئۇدا 14 – يىلى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ‹‹ساياھەت +›› تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى. ھۆججەتتە سەھرا ئىستىراھەت ساياھەت كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا – كەنتلەرنىڭ تۈرلۈك ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي بايلىقى مول بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ساياھەت +››، ‹‹ئېكولوگىيە +›› قاتارلىق ئەندىزىلەردىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى›› ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا – كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى قوللاش كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەندى. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز سەھرا ساياھەتچىلىكىدە ‹‹ئون، يۈز، مىڭ›› بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ، يەنى سەھرا ساياھەتچىلىكى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگە ناھىيەسىدىن 20نى بەرپا قىلىش، سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە كەنت، بازار(يېزا)دىن 100نى بەرپا قىلىش، سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى بېيىش باشلامچىسىدىن 1500نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېسىل مەنزىرىلىك رايون، مەنزىرە كارىدورى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتى، داڭلىق بازىرى، ئەنئەنىۋى كەنت، ئۆزگىچە كەنت – مەھەللىلەر، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئورنى، شەھەر ئەتراپى ئىستىراھەت بەلبېغى، خاس كەسىپلەر مەركەزلەشكەن رايون، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى خاس كەنت، بازارلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش بويىچە ئالتە چوڭ توپلانما رايوننى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش بويىچە ئۈچ كەسىپلەر بەلبېغىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بىر تۈركۈم ساياھەتچىلىك خاس بازىرى(يېزا)، كەنتى قۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگە ناھىيەسىدىن 20نى يېتىشتۈرىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باب كېلىدىغان 600 نامرات كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىنى 1 مىليونغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق رايون ئىچىدىكى 300 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايون، لېكىن ساياھەت بايلىقى جەھەتتە كەم – كوتسىز ساياھەت چوڭ رايونى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساياھەت بايلىقىنىڭ نامرات رايونلار بىلەن جىپسىلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بايلىقنىڭ جايلىشىشى ‹‹سەھرا ساياھەتچىلىكى + نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش››نىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. قانداقلا بولسۇن، سەھرا ساياھەتچىلىكى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئىقتىساد، كەسىپ، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەبىئىي باغلىنىشچانلىققا، ھەمتۈرتكىلىككە، ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ۋە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بىزدە بايلىق كەمچىل ئەمەس، ئاچقۇچ بايلىق ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلىپ كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتا. بۇ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق يېزا ۋە دېھقانلارنى سەھرا ساياھەتچىلىكى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ياخشى كەسىپكە، يېزىلارنى ياخشى جايغا، دېھقانلارنى ياخشى كەسىپ ئەھلىگە، يېزا تۇرمۇشىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى