تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئىمىنجان ئۇرايىم

     خىزمەتكە قاتناشقان كۆپ يىللاردىن بېرى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە دېھقان پەرزەنتىدىن تەدرىجىي پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىلدىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلىسەم، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم تولۇپ تاشىدۇ.
     مەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بولىمەن. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق  ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق  ئاپەت. بىز باشتىن – ئاخىر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. مەن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ، خەلقنىڭ تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.
     كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىدىغان باشلامچىلاردىن بولىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسلىق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، تەلۋىلەرچە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش كۈرىشىدە بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىشىمىز كېرەك، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلىشقا، مادارىچىلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
     پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.
     شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: مەن پارتىيەگە، ۋەتەنگە سادىق بولىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى دادىل كۈرەش قىلىمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى