تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   جاھان يېڭىلىقلىرى

2019-يىلى ئاي شارىدا 4G تورى بولىدىكەن

    ئامېرىكا قىزىقارلىق پەن تېخنىكا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ  27-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى 2019-يىلى ئاي شارىغا «ئادەتتىن تاشقىرى ئىخچام تور» ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئېغىرلىقى بىر كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ئاي شارىنى 4G تورى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە ئاي شارى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋىدىئو ۋە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاي شارى تورى «ئايدا ۋەزىپە ئۆتەش» تۈرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، شەخسىي چىقىم قىلىپ ئايغا چىقىشنى تۇنجى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

    باش شتابى گېرمانىيە بېرلىنغا جايلاشقان PTScientists شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قوشۇمچە قۇرغۇچىسى روبېرت بومېي بىر پارچە باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنى يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ بۆشۈكتىن ئايرىش ئۈچۈن يەر شارىدىن سىرت  يەنە بىر بازا ئەسلىھەسىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. PTScientists شىركىتى كۆچمە تېلېفون تىجارىتى سودىگىرى ۋودافون شىركىتى ۋە ئاۋدى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئايدا ۋەزىپە ئۆتەش» تۈرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ۋودافون شىركىتى 2- ئاينىڭ 27-كۈنى نوكىيا شىركىتىنىڭ بوشلۇق ئادەتتىن تاشقىرى ئىخچام تور قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    بۇ تور  ئىككى ئاۋدى ئاي شارى كۆزىتىش ماشىنىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)نىڭ «ئاپوللو 17-» نومۇرلۇق سەيياھ ماشىنىسىنىڭ ئاي شارىنى كۆزەتكەندە يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويىدىكەن. «ئاپوللو 17-» نومۇرلۇق سەيياھ ماشىنىسىنى 1972-يىلى 12-ئايدا ئاخىرقى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارىدا مېڭىۋاتقان چاغدا ئىشلەتكەن. باياناتقا ئاساسەن، بۇ 4G تورى 2019-يىلى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى SpaceX نىڭ «بۈركۈت 9-»ناملىق راكېتاسىدا، ئامېرىكا كاناۋېيلار چوققىسى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدىكەن.

    بومېي مۇنداق دېدى: « <ئايدا ۋەزىپە ئۆتەش>نىڭ ياردىمى تۈرتكىسىدە ئاي شارىدا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئالاقە تورىنىڭ بىرىنچى ئامىلىنى سىناق قىلىمىز ھەمدە قۇرۇپ چىقىمىز، بۇ 4G كۆچمە تورى ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا نۇرغۇن قۇۋۋەتنى تېجەيدۇ.»

    خەۋەرگە قارىغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد تور (5G) يەنىلا ئۆلچەش ۋە سىناق قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، تۇراقلىق دېيىشكە بولمايدىكەن، شۇڭا ئاي شارىدا خىزمەت قىلىشقا بولمايدىكەن، شۇ سەۋەبلىك ئالىملار 5G تورىنى ئەمەس بەلكى 4G تورىنى قۇرۇشنى تاللىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى