تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

شېڭشۇيۈەندە ياڭرىغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى كۈيى

مۇھەممەد تۇراپ

   ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان توقسۇ ناھىيەلىك شېڭشۇيۈەن كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى كارخانا مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چىن مەنىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرى قول تۇتۇشۇپ، ھەمنەپەس-تەقدىرداش بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىۋاتقان ئاددىي، ئەمما تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىىرىنى يېزىپ چىقتى.

   ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز

   شىركەتنىڭ دىرېكتورى  جىن شۇيىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز توقسۇ ناھىيەسىنىڭ  سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ئاستىدا، 2016-يىلى 4-ئايدا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ناھىيەنىڭ يېنىك سانائەت باغچا رايونىدا قۇرۇلغان، كىيىم كېچەك ۋە كارىۋات بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان، يىلىغا 1 مىليون يۈرۈش كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، 500 نەپەر خىزمەتچىسى بار چوڭ تىپتىكى شىركەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 400دىن كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ئىشچى خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ، بىز مىللەتلەر ئىتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتىنى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش،ھېيت-بايراملاردا ئۆز ئارا ھېيتلىشىش، ئاغرىپ قالسا يوقلاش، تۇغۇلغان كۈن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە توي بولغاندا ھال سوراش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، تۇرمۇشتا ياردەم بېرىش، خىزمەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى كەيپىياتىنى ياراتتۇق.

   بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن پاشاگۈل كىبىر توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار چوڭ كوچا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئەسلىدە يولدىشى بىلەن بىللە يايما ئېچىپ ئاياغ ساتاتتى. 2011-يىلى 12-ئايدا يولدىشىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالدى، 2016-يىلى 3-ئايدا ئۆزىنىڭ بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇپ، ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئادەمنىڭ تۇرمۇشى 750 يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. 2017-يىلى 6-ئايدا پاشاگۈل كىبىر سىناپ بېقىش پوزېتسىيەسى بويىچە شېڭشۇيۈەن كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. پاشاگۈل كىبىر : مېنىڭ ھېچقانداق تېخنىكام يوق،بىراق ھەرقانداق تېخنىكىنى ئۆگىنىشنى خالايمەن، ھەرقانداق ئىش بولسا قىلالايمەن، ئائىلەمدە قىينچىلىق بار، مەن خىزمەتكە موھتاج» دېگەندە شىركەتنىڭ باش دېرېكتورى ئۇنى شىركەتكە قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆگىنىش، تىرىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئويى بولسىلا، ھەرقانداق قىينچىلىقنى يېڭىپ كەتكىلى بولىدىغانلىىنى ئېيتتى.

    پاشاگۈل ھەر كۈنى بالدۇر ئىشقا كېلىپ تېخنىكىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، ئۇ دەسلەپتە كۈندە تۆت يۈرۈش كىيىم تىككەن بولسا، ھازىر كۈندە 30 يۈرۈشتىن كۆپرەك كىيىم تىكىپ،ئايلىق كىرىمىنى 2000 يۈەندىن ئاشۇردى. پاشاگۈلنىڭ تېز پۈكمەس ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى شىركەت دىرېكتورى ۋە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شىركەتنىڭ باش دېرېكتورى جىن شيۇيىڭ پاشاگۈل كىبىرنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. 2017-يىلى 9-ئايدا پاشاگۈل كىبىرنىڭ كونا ئۆيى چېقىلىش دائىرىسىگە كىرگەندە جىن شىيۇيىڭ پاشاگۈل كىبىر ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىك سانائەت باغچا رايونىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىن بىر يۈرۈش ئۆينى ھەل قىلىپ بەردى.

   كارخانىنىڭ ئىشى بىزنىڭ ئىشىمىز

   1-ئاينىڭ 11-كۈنى، توقسۇ ناھىيە يېنىك سانائەت باغچا رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃16-قا چۈشۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سوغۇقتا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى. ىىراق، ئىش توختىتىشنى ئۇقتۇرغان شىڭشۇيەن كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ سېخىدا توققۇز نەپەر ئۇيغۇر-خەنزۇ ئىشچى بېرىلىپ ئىشلەۋاتاتتى. توختى نۇردۇن ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئەسلىدە توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازىرى يۇلدۇزكوچا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلىسىدە تىككۈچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بازار سۇسلىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ھۈنىرى ئاقماي، زىيان تارتىپ بىرمۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى. ئۇ 2014-يىلى 3-ئايدا ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ كىيىم-كېچەك پىچىش ۋە تىكىش سىنىپىدا ئوقۇپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 2017-يىلى 4-ئايدا شېڭشۇيۈەن كىيىم-كېچەك شىركىتىگە خىزمەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنىپ، گۇرۇپپا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى .ئايلىق ئىش ھەققى دەسلەپكى 2000 يۈەندىن ھازىر 4500 يۈەنگە ئۆستى.

   توختى نۇردۇن مۇنداق دېدى: چاغاندىن بۇرۇن تاپشۇرىدىغان مال بار ئىدى، شۇڭا ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، كارخانىنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىمىز، دەپ بىلىپ، ئۆزلۈكىمىزدىن كېلىپ ئىشلەۋاتىمىز، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا شىركەت بىزگە ياردەم قىلغان، زاۋۇت ھازىر چاغاندىن بۇرۇن بىر قىسىم مالنى تاپشۇرىدىغان جىددىي ئىشقا توغرا كەلدى، مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بولالمىساق كارخانىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ، مەن بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپ ئىش ھەققى ئېلىپ قەرزلىرىمنىمۇ تۆلەپ بولدۇم، مەن شىركەتنى ئۆز ئۆيۈمدەك كۈرۈپ داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمەن.

   ئىشچى خزمەتچىلەر ئالغا باسسا، كارخانا تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ

   گۈزەلنۇر ئابباس يۇلتۇزباغ بازىرى توپاشەھەر كەنتلىك دېھقان بولۇپ، ئۆزى يالغۇر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ، ئىككى بالىسىنى بېقىپ كېلىۋاتقان ئىدى. 2007-يىلى 12-ئايدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەتىرىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا، گۈزەلنۇر ئابباس شېڭشۇيۈەن كىيىم-كېچەك شىركىتىگە ئىشچى بولدى. شىركەت گۈزەلنۇر ئابباسنىڭ ياش ۋە ئىنكاسىنىڭ تېز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سېخ مۇدىرى جىن چەنرۇڭنى ئۇنىڭغا ئۇستاملىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇنى تېخنىكا تايانچىسى سۈپىتىدە تەربىيەلىدى. گۈزەلنۇر ئابباس تېخنىكا ماھارىتىنى قېتىرقىنىپ ئىگىلەپ، زاۋۇتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستىسى بولۇپ قالدى. گۈزەلنۇر ئابباس بىلەن جىن چەنروڭ خىزمەت،تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئاچا-سىڭىلاردەك بولۇپ قالدى ۋە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

   شىركەت باش دېرېكتورى مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش سۇپىسى ھازىرلاپ، بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن ۋە مۇنتىزىملاشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى بەرپا قىلدۇق، بەقەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلا بولسا، شىركىتىمىز تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ، كارخانىمىز يېڭىدىن تەكىلپ قىلىنغان ئىشچى خىزمەتچىلەرگە بىردىن ئۇستام بەلگىلەپ، ئۇلارنى سېختىكى ئىش ئورنىدا تېخنىكا ماھارىتى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن ماھارەتلىك ئىشچىلاردىن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردۇق. ھازىر شىركىتىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە سىڭىپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا ھەممەيلەن ئەھمىيەت بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان ئىجىل-ئىناق كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، شىركىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى بارغانسىرى روباق تاپتى.


 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى