تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىخۇدىكى كىچىك تەشۋىقاتچى

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئايىلا (سولدىن 3-كىشى) شې مىڭياۋ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرمەكتە.

     ئۆز خەۋىرىمىز : 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىخۇ شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق كوچا ئىش باشقارمىسى ۋىندې يولى ئاھالىلەر رايونىنىڭ كىچىك تەشۋىقاتچىسى ئايىلا ئېربول ئۆز ئۆيىدە « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان تۇغقىنى شې مىڭياۋ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىرگە، كۆپچىلىككە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

     ئايىلا بىلەن شې مىڭياۋ ساۋاقداش ھەم قوشنا. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بۇ ئىككى ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىپ، بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلدى. بۇ ئىككى ئائىلىدىكى بالىلارمۇ خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك ئۆتەتتى. ئايىلا ئۆزى بىلەن شې مىڭياۋنىڭ ھېكايىسى «خۇشال ئاچا-سىڭىللار»نى تېز تېمپا ئارقىلىق ئېيتىپ، كۆپ قېتىم ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

     شې مىڭياۋ ئائىلىسىدىكىلەر ئايىلا  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۈچ يىل چاغاندا جەم بولدى. ئايىلا ھارپا كېچىسى ۋە چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە توۋ تەي ۋە جيۇجيەنلو يېزىلىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇش تامىقى يېدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى رەتلەپ تېز تېمپا نومۇرى تەييارلاپ، ئەتراپىدىكى دوست-بۇرادەر، تۇغقانلىرىغا ئېيتىپ بەردى.

     «چاغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بايرىمى. بۇ يىل چاغان مەنىلىك ئۆتتى. مەززىلىك جەم بولۇش تامىقى دىماقلارغا ئۇرۇلدى، ھەممەيلەن چاغانلىق بەخت تىلەپ خۇشال-خۇرام كۈلدى.» ئايىلا تېز تېمپا بىلەن يۈرەك سۆزلىرىنى مۇشۇنداق بايان قىلدى. ئايىلانىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلانغان شې مىڭياۋ مۇنداق دېدى: بىز ساۋاقداش، ھەم قەلبداش قوشنىلار . ئاھالىلەر رايونى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىجىل-ئىناق ئۆتىدۇ.

     ئايىلا يەنە ئاھالىلەر رايونىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، قوشنىلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتكەن بەختلىك مىنۇتلاردىن بەھرىلەندۈردى. تەشۋىقات جەريانىدا ئۇ تېخى چاغاندا يىغقان بايراملىق پۇلىغا بىر شارپا سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دوڭ فىڭنۈ مومايغا سوۋغا قىلدى.

     __ موما ، چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ، - دېدى ئايىلا.

     __ سىزگە رەھمەت، مېنىڭ يەنە بىر قىز نەۋرەم بار بولدى،-دېدى دوڭ فىڭنۈ موماي خوشال بولغان ھالدا ئايىلانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، پاتىگۈل زايناقاب قىزىغا تېز تېمپىدا ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى رەتلەپ بەرمەكتە.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئايىلا ئاھالىلەر رايونى كادىرلىرى ئامىنە مەمەت، ئاينۇر تۇردىلار بىلەن ئائىلىلەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ماڭدى .

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئايىلانىڭ ئاپىسى قىزى ۋە شې مىڭياۋغا قىيما نەقىش كېسىپ بەرمەكتە.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئايىلا مومىسى دوڭ فىڭنۈگە شارپا سوۋغا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى