Lensculture فوتوسۈرەت تورىنى جىم كاسپېر 2004-يىلى قۇرغان بولۇپ، قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كەينى-كەينىدىن ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» ۋە «مۇستەقىللىق گېزىتى» تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋە ئون مۇنەۋۋەر تور بېكىتى دەپ باھالانغان.
ئادەتتىكى مەستانىلەرگە نىسبەتەن، Lensculture ئۇيۇشتۇرغان فوتوسۈرەت مۇسابىقىلىرى بۇ تور بەتنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ داڭلىق. مەسىلەن، كوچا سۈرەتلىرى مۇسابىقىسى، پورتىرىت سۈرەتلىرى مۇسابىقىسى ۋە ئىككى يىلدى بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ماگنۇم فوتوسۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار.
Lensculture ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئېكسپوزىتسىيە فوتوسۈرەت مۇسابىقىسى باشقا مۇسابىقىلەردەك داڭلىق بولمىسىمۇ، ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى. ئېكسپوزىتسىيە فوتوسۈرەت مۇسابىقىسىنىڭ باشقا مۇسابىقىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇلىدىغان سۈرەتلەرگە ئېنىق ئۆلچەم قويۇلمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئېكسپوزىتسيە فوتوسۈرەت مۇكاپاتى ئاساسەن سەنئەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۆزگىچە كۆرۈش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن.