تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ياش ئىختىساسلىقلارنى قالدۇرۇپ قېلىش كېرەك

تو جاۋبىڭ

     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە قارىتا چىقارغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئەھمىيىتى زور. نۆۋەتتە مىليونلىغان دېھقان يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى  مىليونلىغان دېھقاننىڭ، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر. بىراق، تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، ياشلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەھەرگە يۈزلىنىۋاتقان، يېزىلاردا ياشانغانلار كۆپىيىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، ‹‹كىم يەر تېرىيدۇ›› دېگەن مەسىلە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۇچ كېلىۋاتقان زور خىرىسقا ئايلانغان. شۇڭا ھازىر يېزىلاردىكى ياش ئىختىساسلىقلارنى قالدۇرۇپ قېلىش مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.  
     يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى يېزا، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىغا يەنىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، لېكىن ھازىر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ قالغاچقا، ياشلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدۇق، ياشلارنىڭ قارىشى يېڭى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى، ئۇلار يېڭى تېخنىكىنى ئۆگىنىش، يېڭى كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى يېڭى قوشۇن. يېزىدىكى ياشلارنى قالدۇرۇپ قېلىش بىلەن بىللە، يەنە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىكىدىكى شەھەر ياشلىرىنىمۇ جەلپ قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىككى ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
     كەسىپ ئارقىلىق قالدۇرۇپ قېلىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ياشلارنىڭ مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللاپ، يەر تېرىشنى خالىماسلىقى ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلاندى. تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، قىسمەن شەھەرلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا ئايلىق ئىش ھەققىگە 2000 – 3000 يۈەن بېرىپمۇ ياش مۇلازىمەتچىنى ياللىغىلى بولىدىكەن، لېكىن يېزا كارخانىلىرىدا ئايدا 7000 – 8000 يۈەن ئىش ھەققى بېرىپمۇ ياش تىراكتور شوپۇرلىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ يېزىغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى خالىماي، باشقۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ساياھەت، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق كەسىپلەرنى تاللايدىكەن. شۇڭا يېزىلاردىكى 1 – ۋە 2 – كەسىپ ياشلارنى جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ، ياشلار پەقەت 3 – كەسىپ ياكى 3 – كەسىپنى باشلامچى قىلغان بىرىكمە كەسىپلەردىلا ئىشلەشنى خالايدىغان بولۇپ قالدى.
     شۇڭا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كەسىپ پىلانى تۈزگەندە ئامال بار كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، ياشلارنى قالدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ، ئىككىنچىدىن، كەسىپ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە پايدىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق ياشلارنى مۇلازىمەت كەسپىدىن دېھقانچىلىق، پىششىقلاش كەسپىگە ئۆتۈشكە تەدرىجىي يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
     مۇھىت ئارقىلىق قالدۇرۇپ قېلىش. ياخشى بولغان خىزمەت مۇھىتى ھازىرقى ياشلار كەسىپ تاللاشتا ئويلىشىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. شۇڭا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە چوقۇم ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىتنى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ياشلارنى قالدۇرۇپ قېلىش كېرەك. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۆزگىچە بازار ۋە گۈزەل يېزا قۇرۇشقا ئەگىشىپ، بىر قىسىم شەھەرلىك ياشلار مۇھىتى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان يېزا – كەنتلەرگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان بولدى، ئۇلار بىر بولسا ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ياكى بولمىسا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ياكى ئارامگاھ ئاچىدۇ، ئۇلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
     ياخشى شارائىت ۋە مۇھىت ياراتقاندىلا، كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. جايلار كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ياشلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى قالدۇرۇپ قېلىپ، ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياشلار بىرلەشكەن يېزا ئەمگەك كۈچى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرسە، يېزا – كەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى