تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى شۈ رۇيجۈن  

      باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ يادرونى ۋە ئاساسىي لىنىيەنى چوقۇم مۇستەھكەم ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 1 – سائەتلىك پارتىيە دەرس، 1 – سائەتلىك زۆرۈر سىياسىي دەرس، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشتىكى كۈندىلىك دەرس، دائىملىق ئەمەلىيەت ئاساسىي ماھارىتى قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي ساپاسى، ئىدىيە – نەزەرىيە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە، خەلق يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى تۈپ قوللانمىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئىگە قىلدى.
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلغانلىقى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.      
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېمىسى روشەن، مەنتىقىسى كۈچلۈك، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ئىلمىي نەزەرىيەۋى سىستېما. ئۇنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە نېگىزلىك روھى ئاساسلىقى ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› ۋە ‹‹14 تۈرلۈك چىڭ تۇرۇش››تا گەۋدىلەنگەن.
     ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنىڭ دەل جايىدا يىغىنچاقلىنىشىدۇر. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر جاۋاب بەرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.
     ‹‹14 تۈرلۈك چىڭ تۇرۇش›› يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يىغىنچاقلىنىشىدۇر. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹14 تۈرلۈك چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرى ئىقتىساد، سىياسى، قانۇنچىللىق، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دىپلوماتىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى تۈرلۈك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زور سىياسىتى ۋە فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
     ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش››نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دېگەن بۇ زور دەۋر تېمىسىغا نەزەرىيە قاتلىمىدىن جاۋاب بەردى. ‹‹14 تۈرلۈك چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، دېگەن بۇ زور دەۋر تېمىسىغا ئەمەلىيەت قاتلىمىدىن جاۋاب بەردى. ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› ۋە ‹‹14 تۈرلۈك چىڭ تۇرۇش›› جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹‹يېڭى بۇرچى››، ‹‹يېڭى نىشانى››، ‹‹يېڭى ۋەزىپىسى››، ‹‹يېڭى مۇساپىسى›› قاتارلىق بىر قاتار تۈپ مەسىلىگە سىستېمىلىق جاۋاب بەردى، ئۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا مۇقەررەر ھالدا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك
     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۈپ جەھەتتىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى؛ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.
     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلىرىدە شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى بېكىتىلگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولغان مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدا كونكرېت تەتبىقلىنىشى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۆلچىمى، كومپاسى، يول كۆرسەتكۈچىسىدۇر.
     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى ‹‹ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسىدۇر. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتا دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش تەكىتلەنگەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىنغان. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خىرىسىنى مەغلۇپ قىلمىغاندا، شىنجاڭ ئەمىن تاپمايدۇ، تەرەققىيات ياخشى مۇھىتقا ئېرىشەلمەيدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. مەملىكىتىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خىرىسىنى مەغلۇپ قىلمىغاندا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسىدۇر. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىي تەدبىرى خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىنغان، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنىق تەلەپ قىلغىنىدەك: ‹‹ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك››.
     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى ‹‹سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسىدۇر. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوقۇم يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشىگە، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەنگەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە كونكرېت تەلەپ قويدى.
     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى ‹‹خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش›› ئاساسىي تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسىدۇر. خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە قوغداشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك
     ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئېتىقادچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. مۇستەھكەم غايە – ئېتىقاد ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسىدۇر. ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچىسىنى، نەزەرىيە ئىشەنچىسىنى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ بېيجىڭغا يىراق بولسىمۇ، قەلبىمىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر چەمبەرچاس، زىچ باغلانغانلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
     ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى بىلىم ئىگىلەش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، نەتىجە يارىتىشتا، ھەممىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ بۇ چوڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغاندا، تەتقىقاتىمىز روھتىن ئايرىلىپ، نىشاندىن ئېزىپ، ئاخىرىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. مانا بۇ ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ۋە ئۈستىگە ئالغان تېما تەتقىقاتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قويۇپ كۆزىتىش ۋە پىلانلاشنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى جۇڭگوچە، شىنجاڭچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، بىر تۈركۈم  يېڭى ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىپ، مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل – چارە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
     ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك قىلىشى، بايرىقى روشەن بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خاتا پىكىر ئېقىمى ۋە قاراشلارغا دادىل، تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا خاتا پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق جايدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.   
ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، يېڭى، جانلىق تىللار بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن كۈچى بىلەن تەتقىقاتنى ياخشى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىدىن ئەقىل، ئوزۇق ئېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ياراتقان يېڭى ۋە جانلىق تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى