تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

«بىنەم نانلىرى» سۇپتايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

  نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسىدىكى ‹‹بىنەم ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نىڭ قۇرغۇچىسى خالمەمەت نۇرجاننىڭ يىراق – يېقىندا داڭقى بار. يېقىندا ئۇ ياققان خوراز شەكىللىك نان 58 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. ئۇ يەنە ناھىيەنىڭ قوللىشىدا ‹‹بىنەم ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› قۇرۇپ، كۈنىگە 10 مىڭ نان ساتىدىغان بولدى ھەم يېقىن ئەتراپتىكى 40 ئائىلىنى باشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى.

  سۇپتاي يېزىسىدا تېرىلغان بۇغداينىڭ سۈپىىتى ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭدىن تارتىلغان ئۇن ناھايىتى سۈپەتلىك چىقىدۇ. 2014 – يىلى خالمەمەت نۇرجان بۇغداي ئۇنى، تۇخۇم، سۈت ئارىلاشتۇرۇپ نان يېقىپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، خالمەمەت نۇرجان «بىنەم ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇردى. بۇ كوپىراتىپتا 15 تونۇر بولۇپ، كۈنىگە 10 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىلىدىغان بولغاچقا، يەرلىكتىكى كىشىلەر بۇ يەرنى ‹‹نان زاۋۇتى›› دەپ ئاتايدۇ. بۇلتۇر مايدا ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يېمەك – ئىچمەك يەرمەنكىسىدە، خالمەمەت نۇرجان خوراز شەكىللىك نېنىنى 58 مىڭ يۈەنگە ساتتى.

  ھازىر ‹‹بىنەم ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نىڭ نانلىرى ئۆز يېرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە سېتىلغاندىن سىرت، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلدى. بۇ كوپىراتىپقا سۇپتاي يېزىسىدىكى 38 ئائىلىلىك دېھقان ئەزا. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ناۋاي زىكرىيا ئابدۇلەم مۇنداق دېدى: ئايدا 5000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن. سۇپتاي يېزىسىغا كېلىپ ناۋايلىق قىلىۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، تۇرمۇشۇممۇ ياخشىلاندى. سۇپتاي يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لى گۈەنچىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز «بىنەم» ماركىسىنى ئاساس قىلغان 13 تۈرلۈك مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. ھازىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياكى قوشۇمچە كەسىپلەردىن پۇل تېپىۋاتقانلار 500 دىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى