تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى

شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جۈرئەت تۇردى

     ھازىر شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئىدىيە ھۇجۇمى، مەدەنىيەت پاراكەندىچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بىزدىن بازا ۋە كىشىلەر قەلبىنى تالىشىۋاتىدۇ.
     ئالىي مەكتەپلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم بۇرچى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى راۋاجلاندۇرىدىغان مۇھىم بازا، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بىزدىن كىشىلەر قەلبى، بازا، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تالىشىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەقىقىي نامايەندىسى.
     ئالىي مەكتەپنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئادا قىلىمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادەم، سەزگۈرلۈكۈم، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، كۈرەش روھىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمەن.
     ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەڭ زور سىياسىي مەسئۇلىيەت، مۇقىملىق بولمىسا، ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ. چوقۇم باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ھەقىقىي ياخشى ئېتىشىمىز كېرەك. قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر خىزمەت، ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى تۇتىدىغان، باشقۇرىدىغان، مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشقا، ھەربىر خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
     ئىدېئولوگىيە جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش يولىمىزدا چوقۇم تازىلىمىساق بولمايدىغان توسالغۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقاتمىساق، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىدىيەۋى ھوشيارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھايات – ماماتلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان كۈچلۈك جاسارىتى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنىدىغان جاي، قاچىدىغان پۇرسەت قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.
     ئىدېئولوگىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزىمىز باشلامچى بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. ئاممىنى ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، بارلىق خادىم ئادەم تەربىيەلەش، پۈتكۈل جەرياندا ئادەم تەربىيەلەش، ھەرتەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى سىياسىيدا لاياقەتلىك، ئەخلاق – پەزىلەتتە مۇنەۋۋەر، كەسىپتە پىشقان سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى