تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلايلى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2–ئاينىڭ 22–كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەكىتلىدى.
     مۇۋەپپەقىيەت كۈرەش قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 13–بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى تىرىشىپ  ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور ھەم چوڭقۇر. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن چىڭ تۇتۇش ئەمەلىي كۈچى، دادىل تۇتۇش غەيرىتى، ماھىرلىق بىلەن تۇتۇش تەدبىرى، سىجىل تۇتۇش شىجائىتى بىلەن، غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
    ئۇلۇغ ئىشلار ئىلمىي نەزەرىيەگە موھتاج، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئۈچۈن جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندا، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. بىز ئەينەن ۋە قايتا–قايتا ئۆگىنىپ، ماھىيىتىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قوراللانغاندىلا، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتالايمىز، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرالايمىز، نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرالايمىز.
     غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. قانداق روھىي ھالەت، قانداق خىزمەت ئىستىلى، چارە–تەدبىرلەرنى قانداق ئىجرا قىلىش كۈچى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش  پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەردىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تۇتۇش–تۇتالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ. شىنجاڭ خىزمىتى مۇھىم ھەم تەخىرسىز خىزمەت، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ كاپالىتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆتۈرەڭگۈ ھالەت، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئېسىل ئىستىل، كونكرېت، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا جىددىي موھتاج. بۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
     يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان كۈرەش قىلىش روھى، راستچىل–ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك پۇختا ئىستىل بىلەن، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى