تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك 

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2–ئاينىڭ 22–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگەندى، ھازىرقى خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ، غەلىبە كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. بۇ يىل پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 13–بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر. چىڭ تۇتۇش ئەمەلىي كۈچى، دادىل تۇتۇش غەيرىتى، ماھىرلىق بىلەن تۇتۇش تەدبىرى، سىجىل تۇتۇش شىجائىتى بىلەن، غەيرەتكە كېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
     بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەزمۇننى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ ھەقىقىي چۈشىننىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ ھەقىقىي ئىشلىتىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچى ۋە ئۇنى سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇش، قەتئىي تەۋرەنمەستىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىدىيەدە يادرونى تونۇش، سىياسىيدا يادرونى ھىمايە قىلىش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش، يادرونى قەتئىي قوغداش، يادرونى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلەش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.
     ئىككىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، چېگرا ئىچى–سىرتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى–سىرتى، توردا ۋە تور سىرتىدا ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكە بولۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، ئاممىۋى خىزمەت، جەمئىيەت دائىرىسىدە ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، چېگرانى باشقۇرۇش–كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
     ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، 1–كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2–كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3–كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
     تۆتىنچى، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، سىستېمىلىق خەۋپ كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشان–ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئۆز قەرەلىدە تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغدىغانلىق، ‹‹سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.  
     بەشىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
     ئالتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچى–سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
     يەتتىنچى، مالىيە–باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مالىيە–باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيە–باج مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باجنى قانۇن بويىچە ئېلىپ، باج ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىدىن باج ئېلىپ، مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش؛ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە سۇبيېكتىنى كۆپەيتىش ۋە كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
     سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش–تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، غايە–ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاش، ئىستىلنى سىجىل ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرى مۇكەممەل، ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەندىن يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغان، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولغان ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلغانلارنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، ئىستىل ۋە كەيپىيات دۇرۇس بولغان ياخشى سىياسىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.
     يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۇەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى