تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى

 (1996- يىل 8- ئاينىڭ 29- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2009- يىل 8- ئاينىڭ 27- كۈنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10- يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1- قېتىم تۈزىتىلدى، 2011- يىل 4- ئاينىڭ 22- كۈنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2- قېتىم تۈزىتىلدى، 2013- يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 3- قېتىم تۈزىتىلدى، 2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 4- قېتىم تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە
  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
  2- باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى
  3- باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆمۈركان بىخەتەرلىكى
  4- باب كۆمۈر تىجارىتى
  5- باب كۆمۈر كان رايونىنى قوغداش
  6- باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
  7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى
  8- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ قانۇن كۆمۈر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

  3- ماددا كۆمۈر بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستى كۆمۈر بايلىقىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ بايلىق جايلاشقان يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

  4- ماددا دۆلەت كۆمۈر ئېچىشتا بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

  5- ماددا دۆلەت كۆمۈر بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان ئېچىپ ۋە قېزىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى مەنئى قىلىدۇ.

  6- ماددا دۆلەت كۆمۈر بايلىقىنى قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ ئاچقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

  دۆلەت ئۆز ئىلكىدىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  دۆلەت يېزا- بازار كۆمۈر كانلىرىنى يۆلەش، ئۆزگەرتىش، تەرتىپكە سېلىش، بىرلەشتۈرۈش، يۈكسەلدۈرۈش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، مۇنتىزىم، مۇۋاپىق ئاچىدۇ ۋە تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرىدۇ.

  7- ماددا كۆمۈر كان كارخانىلىرى بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس دېگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھەممەيلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى شەرت.

  8- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كۆمۈر كان كارخانىلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر كان ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت.

  دۆلەت كۆمۈركان قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ قوغدايدۇ.

  9- ماددا دۆلەت كۆمۈر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئىلغار پەن- تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

  كۆمۈر كان كارخانىلىرى ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

  10- ماددا دۆلەت كۆمۈر كان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى قوغدايدۇ.

  11- ماددا كۆمۈر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا، مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش لازىم.

  12- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈرچىلىك ساھەسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆمۈرچىلىك ساھەسىنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى كۆمۈرچىلىك ساھەسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  13- ماددا كۆمۈر كان ئىدارىسى دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىسى بولۇپ، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە.

  كان ئىدارىلىرى، باشقا مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولغان كۆمۈر كان كارخانىلىرى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىلىرى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدۇ، پايدا- زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئۆز- ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

    2- باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى

  14- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى چارلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

  15- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىق يىرىك پىلانىدا بەلگىلەنگەن كۆمۈر بايلىقىغا ئاساسەن، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىق يىرىك پىلانىدا بەلگىلەنگەن كۆمۈر بايلىقىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  16- ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزۈش ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم.

  17- ماددا دۆلەت ئېتىبار سىياسىتى تۈزۈپ، كۆمۈر سانائىتى تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈرچىلىك كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

  18- ماددا كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. يەر ئالغۇچىلار قانۇن بويىچە يەر تولۇقلىما پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما پۇلى بېرىشى، كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

  كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىدا تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.

  يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىدا، قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش ئىشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم.

  19- ماددا كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىدا كۆمۈر ئېچىش بىلەن مۇھىت تۈزەشنى تەڭ تۇتۇش لازىم. كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرت.

    3- باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى

  20- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى كۆمۈر كاننى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتىن بۇرۇن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلارنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  21- ماددا خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممىتى بولغان ئالاھىدە كۆمۈر ياكى ئاز ئۇچرايدىغان كۆمۈرنى دۆلەت ئاسراپ قازىدۇ.

  22- ماددا كۆمۈر بايلىقىنى قېزىشتا، كۆمۈر كان ئېچىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇش، مۇۋاپىق ئېچىش تەرتىپىگە ئەمەل قىلىش، بەلگىلەنگەن كۆمۈر بايلىقىنى قېزىۋېلىش نىسبىتىگە يەتكۈزۈش شەرت.

  كۆمۈر بايلىقىنى قېزىۋېلىش نىسبىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئوخشاش بولمىغان بايلىق ۋە قېزىش شارائىتىغا قاراپ بېكىتىدۇ.

  دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ تەكرار قېزىشىغا ياكى بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى قالدۇق كۆمۈر ۋە نېپىز كۆمۈر قاتلىمىنى قېزىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  23- ماددا كۆمۈر كان كارخانىلىرى كۆمۈر مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۆمۈر مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە دەرىجىگە ئايرىش كېرەك.

  24- ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن بويىچە تەستىقلانغان قېزىش دائىرىسىدە بولۇشى لازىم، تەستىقلانغان قېزىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىشكە، قاتلام ئاتلاپ قېزىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  كۆمۈر قېزىش مەشغۇلاتىدا بىخەتەرلىك تۈۋرۈك كۆمۈرنى ئۆز مەيلىچە قېزىشقا يول قويۇلمايدۇ، قوشنا كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سۇ قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، خاڭ يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق خەتەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  25- ماددا كان ئېچىش تۈپەيلىدىن يەر ئىگىلىۋېلىنسا ياكى يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتسە، بۇزۇلۇپ كەتسە، كان ئاچقۇچى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇنى پايدىلانغۇدەك ھالغا كەلتۈرىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ.

  26- ماددا كۆمۈر كاننى تاقىۋېتىش ۋە كان قۇدۇقىنى تاشلىۋېتىش مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزام ۋە گوۋۇيۈەن كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

  27- ماددا دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىلىرىدا كۆمۈر تۈگىگەندە كەسىپ ئۆزگەرتىش مەبلىغى جۇغلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

  دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يار- يۆلەك بولىدۇ.

  28- ماددا دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىلىرى ۋە باشقا كارخانىلارنىڭ ھەم كۆمۈر، ھەم توك ئىشلەپچىقىرىش، كوكس كۆيدۈرۈش ئىشىنى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆمۈرنى ئىنچىكە ۋە تۈجۈپىلەپ پىششىقلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ.

  دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈرنى يۇيۇش- تاللاش، كۆمۈر قاتلىمى گازى، كۆمۈر تېشى، كۆمۈر لاتقىسى، تاش كۆمۈر ۋە تورفنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  29- ماددا دۆلەت كۆمۈر پاكىزلاش تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ.

  دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ يەرلىك ئۇسۇلدا كوكس كۆيدۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ يېڭىدىن يەرلىك ئۇسۇلدا كوكس كۆيدۈرۈش ئوچىقى سېلىشنى مەنئى قىلىدۇ؛ ھازىرقى يەرلىك ئۇسۇلدا كوكس كۆيدۈرۈشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆزگەرتىدۇ.

  30- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۇنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

  31- ماددا كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇشتا كان ئىدارىسى باشلىقى، كان باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  32- ماددا كان ئىدارىسى باشلىقى، كان باشلىقى شۇنىڭدەك كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ باشقا ئاساسلىق مەسئۇللىرى كان بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن- نىزام ۋە كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك قائىدە- تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، كۆمۈر كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تالاپەت ھادىسىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر باشقا ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى شەرت.

  33- ماددا كۆمۈر كان كارخانىلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى لازىم؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تەربىيەلەنمىگەنلەر ۋە يېتىشتۈرۈلمىگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىدا مەشغۇلات قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  كۆمۈر كان كارخانىلىرىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن- نىزام، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ قائىدە- تەرتىپلىرى ۋە كارخانىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

  34- ماددا كۆمۈر كاندىكى قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ھەمدە خەۋپنى تۈگىتىشكە ئامال بولمىغان جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، مەشغۇلات نەق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى ياكى بىخەتەرلىكنى باشقۇرغۇچىلار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى خەتەرلىك جايدىن دەرھال چېكىندۈرۈشى ھەمدە ئەھۋالنى ئالاقىدار ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  35- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا مەمۇرىيىتىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاش ئەھۋاللىرى بارلىقىنى ياكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چوڭ ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان روشەن يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىغا، بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىغاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، كۆمۈر كان كارخانىسى مەمۇرىيىتى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى شەرت. كارخانا مەمۇرىيىتى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇۋالسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەنقىد قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  36- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زۆرۈر بولغان ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرىنى بېرىشى شەرت.

  37- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، كارخانىنىڭ قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  38- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە، سايمان، پارتلاتقۇچ ۋە بىخەتەرلىك ئەسۋابى دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

    4- باب كۆمۈر تىجارىتى

  39- ماددا كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى كۆمۈر تىجارىتى قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىشى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. قانۇنسىز تىجارەتنىڭ ھەرقاندىقى مەنئى قىلىنىدۇ.

  40- ماددا كۆمۈر تىجارىتىدە ئارىلىق ھالقىلارنى ئازايتىش، نامۇۋاپىق ئارىلىق ھالقىلارنى بىكار قىلىش، شارائىتى بار كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ بىۋاسىتە سېتىشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر ۋە كۆمۈر ساتىدىغان رايوندىكى كۆمۈر تىجارىتى كارخانىلىرى كۆمۈر كان كارخانىسىدىن كۆمۈرنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا كۆمۈر سېتىش، توشۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كۆمۈر كانلار ئۈچۈن سېتىش، توشۇش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

  مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كۆمۈر تەمىنلەيدىغان ئارىلىق ھالقىلارنى دۆلەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇشى ۋە تۆپىلەپ باھا قوشۇپ ھەق ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  41- ماددا كۆمۈر توشۇلىدىغان ۋوگزال، بېكەت، پورتلار ۋە باشقا تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى كۆمۈر تىجارىتىگە ئارىلىشىش، نامۇۋاپىق پايدا ئېلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  42- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆمۈرنى سېتىش باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  43- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ئىشلەتكۈچىلەرنى تەمىنلىگەن كۆمۈرنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، سۈپىتى دەرىجىسىگە ۋە باھاسىغا لايىق كېلىشى كېرەك. كۆمۈر ئىشلەتكۈچىنىڭ كۆمۈر سۈپىتىگە ئالاھىدە تەلىپى بولسا، تەمىنلىگۈچى بىلەن ئىشلەتكۈچى كۆمۈر سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدا پۈتۈشىدۇ.

  كۆمۈر كان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسىنىڭ كۆمۈرگە باشقا نەرسىلەرنى، يالغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىغا، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  44- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ئىشلەتكۈچىلەرنى تەمىنلىگەن كۆمۈرنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە توشماي ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنىگە ئۇيغۇن كەلمەي ۋە ياكى سۈپىتى دەرىجىسىگە ۋە باھاسىغا لايىق كەلمەي، ئىشلەتكۈچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

  45- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسى، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى، تىرانسپورت كارخانىسى ۋە كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر كۆمۈرنى قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىشى، توشۇشى ۋە چۈشۈرۈشى كېرەك.

  تىرانسپورت كارخانىسى سۈپىتى ئوخشاش بولمىغان كۆمۈرلەرنى ئايرىم قاچىلىشى، ئايرىم دۆۋىلىشى كېرەك.

  46- ماددا كۆمۈر ئىمپورت- ئېكسپورتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدۇ.

  شارائىتى بار چوڭ كۆمۈر كان كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى ئىقتىساد- سودا مەسئۇل تارمىقىدىن قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن، كۆمۈر ئېكسپورت تىجارىتى قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

  47- ماددا كۆمۈر تىجارىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

    5- باب كۆمۈر كان رايونىنى قوغداش

  48- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كۆمۈر كان رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، سۇ مەنبەسى، قاتناش ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۆمۈر كان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  49- ماددا بارلىق ئورۇن ۋە شەخس كۆمۈر كان رايونىنىڭ ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇزۇش قىلمىشلىرىنى ياكى كۆمۈر كان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  50- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كۆمۈر كان كارخانىسى قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مەزگىلىدە ئىشلىتىۋاتقان يەردە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشىغا، توپا ئېلىشىغا ياكى ئىمارەت سېلىشىغا، قۇرۇلما ياسىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  51- ماددا كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيەسى، مەخسۇس تاشيولى، مەخسۇس سۇ يولى، مەخسۇس پورتى، مەخسۇس ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى ۋە مەخسۇس سۇ تۇرۇبىسىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  52- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس كۆمۈركاننىڭ قېزىش دائىرىسى ئىچىدە كۆمۈركاننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، كۆمۈر كان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلاتقان ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلىشى كېرەك.

  كۆمۈر كان رايونى دائىرىسىدە جامائەت قۇرۇلۇشى ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئورۇنلار كۆمۈر كان كارخانىسى بىلەن كېڭەشكەن ھەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك.

    6- باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

  53- ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسىنىڭ كۆمۈرگە دائىر قانۇن- نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

  54- ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى كۆمۈرگە دائىر قانۇن- نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، كۆمۈر كەسپىگە ئائىت تېخنىكىنى ئىگىلىگەن بولۇشى، پاك- دىيانەتلىك بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  55- ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە كۆمۈركان كارخانىسى، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ياكى كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەردىن كۆمۈرگە دائىر قانۇن- نىزاملارنىڭ ئىجرا ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

  كۆمۈركان كارخانىسى، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ۋە كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەردىن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقان كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  56- ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ كۆمۈركان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسىدىن كۆمۈرگە دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشنى قانۇن بويىچە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  57- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈر بايلىقىنى قېزىشتا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن كۆمۈر بايلىقىنى قېزىۋېلىش نىسبىتىگە يەتكۈزمىگەنلەرنى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بەلگىلەنگەن قېزىۋېلىش نىسبىتىگە مۆھلەت توشقىچە يەتكۈزمىگەنلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

  58- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 24- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىك تۈۋرۈك كۆمۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قېزىپ ياكى قوشنا كۆمۈركاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە، ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يېتىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ قېزىش مەشغۇلاتى قىلغانلارنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە مەشغۇلاتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  59- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 43- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈرگە باشقا نەرسە، يالغان نەرسە ئارىلاشتۇرۇپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتكەنلەر سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

  60- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 50- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ كارخانا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن كۈچكە ئىگە مۇددەتتە شۇ يەرگە ئىمارەت سالغان، قۇرۇلما ياسىغانلارنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى چېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ؛ چاقماي تۇرۇۋالغانلارنى چېقىشقا بۇيرۇيدۇ.

  61- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 51- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ كارخانىنىڭ مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيەسى، مەخسۇس تاشيولى، مەخسۇس سۇ يولى، مەخسۇس پورتى، مەخسۇس ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى، مەخسۇس سۇ تۇرۇبىسىنى ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشقىچە تۈزەتمىسە، مەجبۇرىي بوشاتقۇزىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  62- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 52- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي ياكى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ، كۆمۈركاننىڭ قېزىش دائىرىسىدە شۇ كاننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان مەشغۇلات قىلغانلارنى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  63- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:

  (1) كۆمۈركان قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، نورمال قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛

  (2) كۆمۈركان رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، سۇ مەنبەسى، قاتناش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (3) كۆمۈركان رايونىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقارغىلى ۋە خىزمەت قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛

  (4) نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلار ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

  64- ماددا كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، زور تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  65- ماددا كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن كۆمۈر كاندىكى يوشۇرۇن ئاپەتنى تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمەي، زور تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  66- ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلانغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

    8- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  67- ماددا بۇ قانۇن 1996- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى