تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىۋېتىپ يارىلانغاندا، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ

     2017–يىلى 4–ئاينىڭ 4–كۈنى، ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان فەن X باشقا كۇرسانتلار بىلەن بىللە تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى، كۇرسانت ليۇ X ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلغاندا، خاتا مەشغۇلات قىلغانلىقتىن ئاپتوموبىل تامغا سوقۇلۇپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان فەن Xنىڭ چىشى سۇنۇپ كەتكەن، ھادىسە يۈز بەرگەندە، فەن X بېزىندە تاقىمىغان.
     ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، فەن X شوپۇرلۇق مەكتىپىگە بېرىپ تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان، شوپۇرلۇق مەكتىپى: ئاپتوموبىل ۋە مەشىق مەيدانى شىنجاڭ X شوپۇرلارنى تەربىيەلەش شىركىتىنىڭ، شوپۇرلۇق مەكتىپىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان. شىنجاڭ X شوپۇرلارنى تەربىيەلەش شىركىتى بولسا، گەرچە ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ۋە مەشىق مەيدانى شىركىتىمىزنىڭ بولسىمۇ، ئەمما فەن X شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كۇرسانتى، شۇڭا تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن.
     كۆپ قېتىملىق كېڭىشىش نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، فەن X 2017–يىلى 7–ئاينىڭ 12–كۈنى ئۈرۈمچى X شوپۇرلۇق مەكتىپى، شىنجاڭ X شوپۇر تەربىيەلەش شىركىتى ۋە ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل سۇغۇرتىلانغان سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۈچ جاۋابكارنىڭ ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 16038.78 يۈەن، ئىش دەخلى پۇلى ئۈچۈن 3600 يۈەن، قاتناش ھەققى ئۈچۈن 500 يۈەن تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
     سوتتا سۇغۇرتا شىركىتى ‹‹ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھادىسە مەسئۇلىيىتى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغىلا سۇغۇرتىلانغان، فەن X بولسا ئاپتوموبىلدىكى ئادەم، تۆلەم بېرىش دائىرىمىزگە كىرمەيدۇ>>، دېگەن. سوت قاراپ چىقىش ئارقىلىق، دوختۇرخانىنىڭ فەن Xكە 20 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
     ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن–كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلىمى دېلوسىنى قاراپ چىققاندا تەتبىقلايدىغان بىر قانچە قانۇن مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 7– ماددىسىدا ‹‹موتورلۇق قاتناش شوپۇرلىرى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار مەشىق پائالىيىتى جەريانىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىقسا، بۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىگە كىرىدۇ، دەۋاگەر شوپۇر تەربىيەلەش ئورنىنىڭ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن.
     ئۈرۈمچى X شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى فەن X قاتارلىق كۇرسانتلارنى شىنجاڭ X شوپۇر تەربىيەلەش شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىش مەيدانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قاتناش خەتىرىنى تۈگىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، كۇرسانتلارنىڭ مەشىق ئاپتوموبىلىنى مۇستەقىل ھەيدەپ ھادىسە پەيدا قىلىپ، فەن Xنىڭ جىسمانىي يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولغان، شۇڭا تىرېنېردا سەۋەنلىك مەۋجۇت. تىرېنېرنىڭ كۇرسانتلارنى تەربىيەلىشى ۋەزىپە ھەرىكىتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شىنجاڭ X شوپۇر تەربىيەلەش شىركىتى كۇرسانتلارنى مەشىق مەيدانى ۋە ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلىگەن، ئەمما كەسپىي تەربىيەچى ئەۋەتىپ مەشىققە يېتەكچىلىك قىلغۇزمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىمۇ سەۋەنلىك مەۋجۇت، شۇڭا ئۈرۈمچى X شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن بىللە مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
     ئاساسلىق سوت قىلغۇچى سودىيە مۇنداق قارىدى: فەن X قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۇرسانت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا كۇرسانتلار مەشىق ئاپتوموبىلىنى مۇستەقىل ھەيدىگەن چاغدىكى خەتەرنى بىلىشى كېرەك، ئەمما ئۇ كەسپىي تەربىيەچى ئولتۇرۇشقا تېگىشلىك ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان ھەم بېزىندە تاقىمىغان، فەن Xمۇ  بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سوتىمىز ئۈرۈمچى X شوپۇرلۇق مەكتىپى ۋە شىنجاڭ X شوپۇر تەربىيەلەش شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنىڭ %70ىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشىنى، يەنى فەن Xكە ھەر خىل ھەق بولۇپ 13736.11 يۈەن تۆلەم بېرىشىنى، فەن Xنىڭ ئۆزىنىڭ %30 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى بېكىتتى.


           (ياڭ شۇخەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى