تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردى

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازىرى جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتى توغرىسىدا

سۈي يۈنيەن

     ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازىرى جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، قانۇن مەسلىھەتى، دەۋا ۋاكالەتچىلىكى، جامائەت گۇۋاھلىقى، ئەدلىيەلىك باھالاش ۋە خەلق مۇرەسسەسى قاتارلىق تۈرلۈك قانۇن بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئۆزىگە يېقىن جايدا قولاي، ئەلا قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.  

      قانۇن مۇلازىمىتىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش
     2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈش سائەت 2دە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازىرى جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتىدا يەنە نۇرغۇن ئامما رەتكە تىزىلىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى بېجىرىۋاتاتتى. مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئالدىراش ئىشلەش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ جامائەت گۇۋاھچىسى شياۋ ۋاڭ ئۈچۈن دائىملىق ئىش بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ دائىم چۈشلۈك تامىقىنى ۋاقتىدا يېيەلمەيتتى.
     شياۋ ۋاڭ مۇنداق دېدى: دەۋاگەرلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈن، جامائەت گۇۋاھچىسى ھەر بىر دەۋاگەرگە خاسلاشتۇرۇلغان سۆھبەت خاتىرىسى قالدۇرىدۇ، ئەنەنچۈي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىش، ۋارىسلىق توغرىسىدىكى جامائەت گۇۋاھلىقى كەسپى بىر قەدەر كۆپ، ۋارىسلىققا چېتىلىدىغان جامائەت گۇۋاھلىقىدا بىر ئائىلىدىكى ھەممە كىشىدىن گۇۋاھلىق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ۋاقىت كۆپرەك كېتىدۇ. ئىلگىرى يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى ئائىلە بويىچە يېڭىشەھەر رايونلۇق جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا بارىدىغان بولغاچقا، بېرىش – كېلىش تولىمۇ جاپالىق ئىدى، ھازىر ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا كەسىپ بېجىرەلەيدىغان بولدى، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى.
     ئەنەنچۈي بازىرى جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتى 2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئادۋوكات، قانۇن خىزمەتچىسى، جامائەت گۇۋاھچىسى، ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى ۋە خەلق مۇرەسسەچىسى بىرلىشىپ، ئاممىغا ئۇنىۋېرسال ‹‹بىر پونكىتلىق›› قانۇن مۇلازىمىتى قىلىپ، ئەنەنچۈي بازىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئاتمىش تۈتۈن يېزىسى، چىڭگىداخۇ يېزىسىدىكىلەرنى قولاي، ئەلا قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ‹‹ئىككى يېزا، بىر بازار››نىڭ قۇرۇلۇشىنى قانۇن تايانچىغا ئىگە قىلدى.
     ئەنەنچۈي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى، جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ خەيمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2015 – يىلىدىن بۇيان، شەھەرنىڭ شىمالغا كېڭەيتىلىشى بىلەن، ئەنەنچۈي بازىرىدا نۇرغۇن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىندى، بۇ ئىككى يىلدا بىر قىسىم ئۆي ئارقا – ئارقىدىن پۈتۈپ، ئامما ئۆيلىرىنى بېزەشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆي بېزەشكە مۇناسىۋەتلىك ماجىرامۇ كۆپەيدى. كۆپ ساندىكى ماجىرانى بېزەش سۈپىتى، ئىش مۇددىتى، توختامدا تەپسىلىي ئىشلارنى بېكىتمەسلىك ۋە ئىككى تەرەپنىڭ چۈشىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزى ماجىرالاردا دەۋاگەرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ باھالىتىشى ياكى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشىگە توغرا كەلگەچكە، مۇرەسسە ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، بۇ يەنە مۇرەسسەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
     ياڭ خەيمىڭ مۇنداق دېدى: جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇنداق ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلغاندا، بىز دائىم قانۇن خىزمەتچىسى، جامائەت گۇۋاھچىسى، ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى ۋە ئىككى تەرەپ دەۋاگەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆي بېزەۋاتقان نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى ئەدلىيەلىك باھالاش نۇقتىسىدا تۇرۇپ باھالاپ، توختامنى بىكار قىلىش، ئەرز قىلىشتا كېرەكلىك بولغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش ۋە جامائەت گۇۋاھلىقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپكە پايدا – زىياننى تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، مۇرەسسە لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، بۇنداق كۆپ تەرەپلىك، كۆپ نۇقتىلىق مۇرەسسە ئەندىزىسى مۇرەسسە ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، پۇقرالارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.
     ماجىرانى ھەل قىلىپ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش
     2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياڭ خەيمىڭنىڭ ئىشخانىسىدا بىر دەۋاگەر  ئولتۇراتتى، ئۇ ئەتىسى ئالىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى توغرىسىدىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى سوراش ئۈچۈن كەلگەنىدى. بۇ دەۋاگەر ئەنەنچۈي بازىرىدىكى بىر سودا تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنى ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن مەلۇم قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كەيپىياتى ھازىرقىدەك تۇراقلىق ئەمەس، ئەكسىچە تاقەتسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىككە تولغانىدى.
     ئۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەتە 70 – 80 ئىشچىنىڭ 2 مىليون يۈەن ئىش ھەققىنى ئالالايمەن، بۇ ئەمگەك ھەققى ھېسابات ماجىراسى بىزنى بەك ئۇزاق قىيناپ كەتتى، نۇرغۇن ئىشچى ئۆيىگە چاغان ئۆتكۈزۈشكە كەتتى، ئەمدى ئىش ھەققىنى ئېلىپ يۇرتداشلىرىم بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇم، قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ بىز ئۈچۈن تۆككەن قان – تەرىگە رەھمەت.
     ئەنەنچۈي بازىرى جامائەت مۇلازىمىتى پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق مۇرەسسەسى، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىدى. 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، مۇلازىمەت پونكىتى يەرلىك ساقچىخانا، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ماجىراسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىپ، 100گە يېقىن دېھقان ئىشلەمچىگە نەق مەيداندىلا ئىش ھەققىنى تارقىتىپ بەردى.
     ياڭ خەيمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئاممىنىڭ ھال – ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، زىددىيەت – ماجىرالاردىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى ئائىلە، قولۇم – قوشنا زىددىيىتى ۋە يەر ماجىراسى كۆپرەك ئىدى، ھازىر تۈر قۇرۇلۇشى، يەر ئېلىش – كۆچۈرۈش تۈرىدىكى ماجىرالار كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىلگىرى پۇقرالار ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشنىلا ئويلايتتى، ھازىر تالاش – تارتىشنىڭ كۆپىنچىسى ئاممىنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
     جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتى قۇرۇلۇپ بىر قانچە كۈن بولمايلا، بىر ماجىرانى قوبۇل قىلدى، تەۋەلىك رايونىدىكى بىر ئاھالە موتوسىكلىت مىنىپ يول بويىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان تاختايغا سوقۇلۇپ كېتىپ، سول پۇتى سۇنۇپ كەتكەنىدى. بۇ يول بويى قۇرۇلۇش ئورنى بولۇپ، گاز قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئىشچى پار قۇرۇلۇشى قىلىدىغان تەرەپ يول بويىغا دۆۋىلەپ قويغان تاختاينى ئورنىدىن يۆتكىۋەتكەن ھەم ئۈستى – ئۈستىگە دەستىلەپ قويۇپ، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزگەنىدى.
     مۇلازىمەت پونكىتى ئۈچ تەرەپنى يىغىپ ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پار شىركىتى%30  مەسئۇلىيەتنى، گاز شىركىتى %70 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا كېلىشتۈردى. پار شىركىتى نەق مەيداندىلا 30 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىدى، ئەمما گاز شىركىتى ‹‹قۇرۇلۇش ئەترىتى مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدۇ، چۈنكى يارىدار ئۆزى يىقىلىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار››، دەپ تۆلەم بېرىشنى ئۇزاققىچە كەينىگە سۈردى. بۇ ماجىرا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇرەسسە قىلىنىۋاتقاندا، يەنە بىر ئاھالىمۇ قۇرۇلۇش ئورنىدا يىقىلىپ كەتتى.
     ماجىرانى ھەل قىلىپ، يارىلانغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئوخشاش ھادىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قىش كىرىپ، قۇرۇلۇشتا ئىش توختىدى، جامائەت قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى دەرھال بازارلىق ھۆكۈمەتكە تەكلىپنامە ئەۋەتتى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ناھايىتى تېزلا نەق مەيداننى تىندۇرۇپ، يولنى ئوڭشىدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم مەدەنىي قۇرۇلۇش قىلىپ، بىخەتەرلىك بەلگە – سىزىقى ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ ھەل قىلىش
     زىددىيەت – ماجىرالاردا يېڭى ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئىقتىدارلىق خەلق مۇرەسسەچىسى ياڭ خەيمىڭمۇ بەزىدە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. مەسىلەن، توختامنى ئىجرا قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپ، لېكىن، كېلىشكەن ئاساس نەدە؟ توختامنى ئىجرا قىلىش پۇلنى نەقلەشتۈرۈشكە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ كاپالىتى نەدە؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇ سەل قىينالدى.
     ياڭ خەيمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت پونكىتىمىزنىڭ سۇپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىجتىمائىي بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدۇق. دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئىش ھەققى تارقاتقاندا، ساقچىخانا، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى قوللاپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. مۇلازىمەت پونكىتىمىزمۇ خەلق مۇرەسسەسى، قانۇن مەسلىھەتى، قانۇن ياردىمى، جامائەت گۇۋاھلىقى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنى يۇغۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، كوللېكتىپ كۈچ چىقىرىپ، ئاممىنىڭ تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق.
     ياڭ خەيمىڭ مۇنداق دېدى: كېلىشىمنى ئادا قىلىش مەسىلىسىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇلازىمەت پونكىتىمىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئەنەنچۈي خەلق سوتى بىلەن مۇرەسسەنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى پائال مۇكەممەللەشتۈردۇق. زىددىيەت – ماجىرالار ھەل قىلىندى، مۇرەسسە كېلىشىملىرى ئىمزالاندى، جەزم قىلالمىغان ياكى ئانچە خاتىرجەم بولالمىغان مۇرەسسەنامىلەر ئەدلىيەلىك بېكىتىلدى، ئەگەر بىر تەرەپ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسىلا، يەنە بىر تەرەپ سوتقا مەجبۇرىي ئىجرا قىلغۇزۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
     جامائەت قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان 40 نەچچە ماجىرانى مۇرەسسە قىلدى، مۇرەسسەنامىنىڭ كۆپ قىسمى سوتنىڭ ئەدلىيەلىك بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈلدى. بىر قاتناش ھادىسىسىدە بىر قانچە يولۇچى يارىلانغانىدى، مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ۋە ئەدلىيەلىك بېكىتىشى ئارقىسىدا، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاخىر بارلىق تۆلەم سوممىسىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۆلەپ بولۇشقا ۋەدە بەردى، ئەدلىيەلىك بېكىتىش بولغاچقا، يارىلانغانلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە ساقلاشقا قوشۇلدى.
     ئەدلىيەلىك بېكىتىش خەلق مۇرەسسەسىنى ئىسكەنجىدىن بوشاتتى، مۇرەسسە كېلىشىمى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، تېخىمۇ كۆپ ماجىرانى ھەل قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز، دېدى ياڭ خەيمىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى