تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تاشقورغان ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆپ خىل تەدبىر قوللاندى

خەن چىنيەن

     پامىر ئېگىزلىكىدە قەھرىتان سوغۇقتىمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قىزغىن كەيپىياتىنى ھەرقاچان ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
     تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى گويا پامىر ئېگىزلىكىدە تاغ – داۋانلاردىن ھالقىپ مېڭىشقا توغرا كەلگىنىگە ئوخشاش جاپالىق جەريان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە يۇرتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش قىزغىنلىقى ناھايىتى كۈچلۈك.
     بۇ ناھىيەنىڭ يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر سەيدۇللا ئۆمەر مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزدىكى نامرات ناھىيەلەر 2020 – يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، ناھىيەمىز بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن يەنى 2019 – يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىماقچى. بۇ، ناھىيەمىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ 2019 – يىلىغىچە 24 نامرات كەنت، 9000دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
     بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئېتىشتا نېگىزلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، يېتەرسىزلىكنى تەكشۈرۈش، خىزمەتنى جانلىق ئىشلەش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە قوللانغان بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىدە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ يېشىل ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ خاس ماركىسىنى يارىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
     چارۋىچىلىقتا قوتاز ئاساس قىلىندى
     ھەيۋەتلىك قارلىق چوققىلار ئېتىكىدە قاتار كەتكەن قوتانلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. بۇ يەر تىزناپ يېزىسىنىڭ تىزناپ كەنتىدىكى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ، بۇ كوپىراتىپنىڭ ئىشخانىسىمۇ، ھەتتا كوپىراتىپنىڭ نامى يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىسىمۇ يوق، ئەمما بۇ كوپىراتىپنى قۇرغان يەتتە ئائىلىلىك دېھقان ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى مۇشۇ كوپىراتىپتىن قاناتلاندۇرغان.
     ناھىيە بازىرىدا قوتاز گۆشى ساتىدىغان ئامىرشاھ سەيپۇللا مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ مېنى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا باشلاپ بېرىپ بېقىۋاتقان قوتازلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قوتاز گۆشى ساتقان بولۇپ، باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچى بولۇپ قۇرۇپ، كەنتتىكى دېھقانلارنى باقمىچىلىققا تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلىدى.
     تىزناپ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئادىلشاھ تىگارباي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر قوتازنى بورداش ئۈچۈن بەش يىل ۋاقىت كېتەتتى، كوپىراتىپقا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئىلمىي بورداش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، ئۈچ يىلدا بورداپ بولىدىغان بولدۇم. ئەڭ مۇھىمى، ئىلگىرى قوتازلىرىمىزنى چارۋا مال ئېلىپ – ساتىدىغانلارغا 5000 – 6000 يۈەنگە ساتاتتۇق، ھازىر قوتازلىرىمىزنى ئۆزىمىز سويىمىز، ئامىرشاھ شەھەرگە ئەكىرىپ ساتىدۇ، بىر قوتازنى ئىلگىرىكىدىن 2000 يۈەن قىممەت ساتالايمىز. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، كوپىراتىپتا بېقىۋاتقان تۆت قوتىزىمنى بورداپ ساتسام نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.
     بۇ ناھىيە تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر پامىر ئېگىزلىكىنىڭ چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلارنى كەسىپلەشتۈرۈپ يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، 4500دىن ئارتۇق نەسىللىك قوتاز كىرگۈزدى. شېنجېن شەھىرى پامىر بىيوتېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ‹‹پامىر خېجىڭيۈەن›› ئىنچىكە پىششىقلانغان قوتاز گۆشى ماركىسىنى ياراتتى، پامىر ئېگىزلىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەقسىملەش مەركىزى، شېنجېن شەھىرى ‹‹پامىر ئېگىزلىكى قوتاز گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئورنى›› قۇرۇپ، ‹‹ئىشلەپچىقىرىش + سېتىش›› بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى. يەم – خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 100 مىڭ مو كۆلەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 4500 مو كۆلەمدە ياۋا ئوت – چۆپ ۋە بېدە ئۆستۈرۈلىدىغان ئوتلاق بەرپا قىلىپ، 100 مىڭ توننا يەم – خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى.
     تەبىئىي بېسىملىق پۈركۈپ سۇغىرىلىدىغان ئوتلاق قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشكەن قوتان قۇرۇلۇشى، ياۋا ئوت – چۆپنى سىناپ تېرىش، يەم – خەشەك پىششىقلاش قاتارلىق چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدىكى يۆلەش تەدبىرلىرى ناھىيەنىڭ قوتاز باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ‹‹قانات›› بولدى.
     ناھىيەلىك چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى تۈر ئىشخانىسىنىڭ كادىرى جوۋ چاۋنىڭ ئېيتىشىچە، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دېھقان – چارۋىچىلارنى ‹‹كىچىك چارۋا مالنى چوڭ چارۋا مالغا ئالماشتۇرۇش››قا ئىلھاملاندۇرۇپ، 2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە 1600دىن كۆپرەك ئۆلچەملىك قوتان، 2700دىن ئارتۇق يەم – خەشەك لاپىسى ياساپ، 180 مىڭ مودىن ئارتۇق سۈنئىي ئۆستۈرۈلىدىغان يەم – خەشەك بازىسى بەرپا قىلىپ، نەسىللىك قوتاز ۋە قوي كىرگۈزىدىكەن، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، پامىر ئېگىزلىكى ئورگانىك دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئورگانىك ماركىسىنى يارىتىشنى تەرەققىيات نىشانى قىلىدىكەن.
تېرىقچىلىقتا خاس ماركا يارىتىلدى
     تاغارما يېزىسىنىڭ باشلىقى سۇلايمان شەنبە مۇنداق دېدى: بىز تېرىغان پامىر كۆكتاتلىرى ساپ، يېشىل، ئورگانىك يېمەكلىك بولغاچقا، بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ يەردە ھاۋا ئوچۇق مەزگىل قىسقا، كۆپ چاغلاردا ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن، لېكىن ماركا يارىتىلغاندىن بۇيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، دېھقانلار ئوخشاشلا يەردىن مول ھوسۇل ئالالايدىغان بولدى.
     تاغارما يېزىسىدا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرخىل پارنىك كۆكتاتلىرى تېرىلدى، تەرخەمەك، مۇچ، شوخلىلار دېھقانلار ياقتۇرۇپ تېرىيدىغان تۈرلەردىن بولۇپ قالدى. بۇلتۇر بەزى دېھقانلار قىزىل پوستلۇق بەرەڭگى تېرىغانىدى، بىرلىك ھوسۇلى بىر توننىغا يەتمىسىمۇ، ھەر كىلوگىرامى بەش يۈەندىن تېز سېتىلىپ تۈگىدى. ماكا، پامىر گۈلچېيى قاتارلىق ئېگىزلىكتە تېرىشقا ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ‹‹پامىر›› بىلەن زىچ باغلاندى.
     بۇ ناھىيە ھازىر تېرىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ھويلا – ئاران تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››دىكىلەر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلىسىغا 0.2 – 0.5 موغىچە كۆلەمدە پارنىك ياساپ بېرىپ، ئۇلارنى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ خاس تېرىقچىلىقى ۋە ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1000 يۈەن كۆپەيتتى.
     بۇ ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار پامىر ئېگىزلىكىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ‹‹پامىر ماكاسى››، ‹‹پامىر گۈلچېيى›› ماركىلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۈلگە رايونى›› قۇرۇپ، كىرەش، قانتېپەر قاتارلىق ئېگىزلىككە خاس جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
     سەيدۇللا ئۆمەر مۇنداق دېدى: پامىر ئېگىزلىكىنىڭ خاس تېرىقچىلىقىنى تۈجۈپىلەپ راۋاجلاندۇرۇشتا ‹‹پامىر›› ماركىسىنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 43 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە كىرەش، ماكا، يالىڭاچ ئارپا قاتارلىقلارنى تېرىدۇق، 2500 مودىن ئارتۇق يەردە جىغانلىق، 16 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە ياڭاقلىق بىنا قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەككىز يېزا دەرىجىلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 32نى قۇرۇپ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، يېشىل، ئورگانىك پامىر ئېگىزلىكى ئېكولوگىيەلىك كۆكتات بازىسى قۇرۇپ، ‹‹ئالاقە تورى + دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى›› ھەرىكەت پىلانى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا چۈشۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدۇق.
     ساياھەتچىلىكتە مەنزىرە ساياھەتچىلىكى چىقىش نۇقتىسى قىلىندى
     پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئاجايىپ جۇغراپىيەلىك شارائىتى ۋە كىلىماتىنىڭ ناچار بولۇشى ئەۋزەللىك ھېسابلىنىدۇ. ساياھەت بايلىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ساياھەتچىلەر باشقا جايلاردا بۇنداق ئالاھىدە مەنزىرىلەردىن ئاسانلىقچە ھۇزۇرلىنالمايدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدىكى چېگرانى گۈللەندۈرۈپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋە پۇرسىتى ئالدىدا، بۇ ناھىيەدە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان – چارۋىچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
     ئامىرشاھ سەيپۇللا يەنە كەنتتە سەھرا ئارامگاھى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن كىگىز ئۆي ياسىدى، ئۇ تۇرۇشلۇق تىزناپ كەنتىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىر كېلىدۇ. سەيلىگاھدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ، يېشىل ئوتلاقلار پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ھەممە مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارامگاھنىڭ تاماق، گۆش، سۈت، تۇخۇم، كۆكتات، ئۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئېكولوگىيەلىك يېشىل مەھسۇلاتلار.
     سەيدۇللا ئۆمەر مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز بۇلتۇر ئېگىزلىك ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تائاملار شەھەرچىسى قۇرۇپ، تاجىك مىللىتىنىڭ 65 خىل خاس تائامىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. پامىر مەدەنىيىتى مەنزىرە شىركىتى قۇرۇپ، يەتتە تۈرلۈك 180 خىل مەدەنىيەت يېڭىلىقلىرى مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلدى. ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن 8000 دىن ئارتۇقىنى تەربىيەلەپ، 229 چارۋىچىلىق سەھرا ئارامگاھى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
     ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زەپەر ئاتاۋۇللا پامىر ئېگىزلىكى ساياھەتچىلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز ئۆزىگە خاس تەبىئىي ۋە ئانتروپولوگىيەلىك بايلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ خىل پۇرسەتلەر ئالدىدا تۇرماقتا. كەلگۈسىدە ناھىيەمىز چوقۇم يىراق – يېقىنغا تونۇلغان ساياھەت رايونىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىدۇ.


ئاينۇر ئۆمەر تەرجىمىسى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى