تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش

ۋاڭ چۈنجياڭ

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن بۇ يىل تۇنجى قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان 26 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى  18 – فېۋرال مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىغا كېلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چاغاننى بىللە ئۆتكۈزدى.
     يېزا – كەنتلەرنىڭ ھەممە يېرىگە پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى، قىسقىسى ھەممە يەر بايرام تۈسىگە كىرگەنىدى. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار كەنتكە كېلىپلا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى، قىيىنچىلىقىنى ئاڭلىدى، بېيىش توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى... ئورگان كادىرلىرى كەنتتىكى دېھقانلار بىلەن ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى تىلىدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى خەن جۈن تۇرغۇن داۋۇتنى كۆرۈپلا چىڭ قۇچاقلىدى. خەن جۈن تەييارلاپ قويغان تۆت قىزىل بولاقنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن چاغاننىڭ 3 – كۈنى، ئەنئەنە بويىچە تۇغقانلارنى يوقلايدىغان كۈن. بۇ بالىلارغا ئاتىغان قىزىل بولاق، ئېلىڭ.
     تۇغقىنى لەن جيامىڭنىڭ چاغان ئۆتكۈزگىلى كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان كېرەم رېھىم تۇغقىنىنىڭ يۈك – تاقىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى يېڭى پۈتكەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە باشلىدى. كەچتە كېرەم رېھىمنىڭ 20 نەچچە قوشنىسى ئۇنىڭ يېڭى ئۆيىگە يىغىلىپ، سىياسىي كېڭەش كادىرى سۆزلىگەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، ئىدىيەۋى جەۋھىرى، يادرولۇق ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك  تەشۋىقاتنى ئاڭلىدى.
     كەنت ئاھالىسى مېھرىگۈل توختىنىڭ ئۆيى خەتەرلىك كونا ئۆي قاتارىدا چېقىلىۋاتقانىدى، ئائىلىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغانلىقتىن، تۇغقىنى نۇربول باۋۇرجان يۈك – تاقلىرىنى قويۇپلا، مېھرىگۈلنىڭ ئۆي كۆچۈشىگە ياردەملەشتى. كەنت ئاھالىسى ئاينىسا مامۇتنىڭ تۆت ياشلىق نەۋرە قىزى خۇشال بولۇپ، ۋاڭ خۇڭ قاتارلىق تۇغقانلاشقان تۆت كادىرنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. ئاينىسا ۋاڭ خۇڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىلەر يىراقتىن بىز بىلەن چاغان ئۆتكۈزگىلى كەنتىمىزگە كەلدىڭلار، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق، بۈگۈن كەچ جەم بولۇش تامىقى يەيلى.
    دۈەن ۋەنجۈن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تېلېۋىزوردىن ‹‹جۇڭگو تائاملىرى›› پىروگراممىسىنى كۆرگەچ، تۇغقانلىرىغا چاغانغا ئالاقىدار ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى، يەنى چاغاندا نېمە ئۈچۈن پوجاڭزا ئاتىدىغانلىقى، مەسنەۋى چاپلاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، ‹‹بەخت›› دېگەن خەتنى نېمە ئۈچۈن تەتۈر چاپلايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى، تۇغقانلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇشتى، تۇغقانلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
     سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار مۇنداق دېيىشتى: تۇغقانلار بىلەن چاغاننى بىللە ئۆتكۈزسە ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن، بىز بىر يىللىق ھاسىلاتلىرىمىز توغرىسىدا مۇڭدىشىپ، كەلگۈسىدىكى ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىز ئۈستىدە كەڭ –  كۇشادە پاراڭلاشتۇق، بۇ چاغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئۆتتى. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ ئالدىرايدىغان، ھازىر ھەل قىلغىلى بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىپ، ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ‹‹ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى››گە ھەقىقىي ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سۆيگۈسىنى، رىشتىسىنى پۈتۈپ، باش نىشانغا يېتىش ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيمىز، كۈچ توپلايمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى