تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل شەھىرى ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› ئارقىلىق ئەل قەلبىنى ئۇتتى، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى

مۇيەسسەر ئاباھامىت، يۈ چياڭفۇ،  جاۋيۈۋېي

      ھازىر پارنى ياخشى بەرگەچكە ئۆيلىرىمىز ناھايىتى ئىسسىق، ئۆيدە كالتە يەڭ كىيىملەر بىلەن ئولتۇرىمىز،  دېدى 68 ياشلىق ئەخەت ھېلىم  بوۋاي ئۆزى كۆچۈپ كىرگەن قاغۇم باغچە ئولتۇراق رايونىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ماختاپ.
     ئەخەت بوۋاي قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدە قۇۋۇق كەنتىدىن بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرى يېزا سالغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئولتۇراق رايونى  قاغۇم باغچە ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى. يېڭى كۆچۈپ كىرگەندە ئولتۇراق رايوندا پار بىلەن تەمىنلەش دېگەندەك ياخشى بولماي، بۇ ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىرگەن بەش كەنتتىكى ئاھالىلەر ئامالسىز ئەسلىدىكى كونا ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىشتى. ئاھالىلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۈرگەندە، كەنتتە ‹‹سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى›› ئېچىلىپ، 2017 – يىلى قىش پەسلىدىن باشلاپ، ئولتۇراق رايوندا پار بىلەن تەمىنلەشنىڭ نورمال بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بۇنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدى.
     ئەخەت بوۋاي ئېيتقان ‹‹سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى›› دەل 2017 – يىلى مايدا قومۇل شەھىرى دەرىجە بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلاپ، ئىيۇندا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتكەن ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى ئىدى. ‹‹تۆتنى سوراش›› بولسا ‹‹ ئېھتىياجىنى سوراشتا يۈزتۇرا بولۇش، غەم – ئەندىشىسىنى سوراشتا دىلكەش بولۇش، چارە – تەدبىر سوراشتا قول تۇتۇشۇش، مەسلىھەت سوراشتا ئەمەلىي بولۇش››تىن ئىبارەت.
     قومۇل شەھەرلىك پارتكوم ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە مۇھىم تۇتقا قىلدى، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئىستىلنى ئاساسىي قاتلامدا ئۆزگەرتىش، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
     سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى ئېچىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چاپلاش، رادىيو كانىيى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش، ئۈندىداردا تارقىتىش، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خەلققە يىغىننىڭ ۋاقتى، ئورنىنى ئېنىق ئۇقتۇردى، يىغىن جەريانىدا ۋاقىتقا، سورىلىدىغان سوئاللارغا، ئادەم سانىغا چەك قويۇلمىدى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن سورالغان سوئاللارغا لايىقىدا جاۋاب بېرىلدى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار نەق مەيداندا ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى ۋە بىر – بىرلەپ چۈشەندۈردى.
    بۇلتۇر ئىيۇننىڭ مەلۇم بىر كۈنى جىگدە قۇۋۇق كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا، ئامما ئېۋىرغول رايونى رەھبەرلىرى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلاردىكى كادىرلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سەمىمىي سىرداشتى. سىردىشىش جەريانىدا كەنت ئاھالىلىرى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ئويلىشىپ، مەسىلە ۋە زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى، مىكروفون ئاھالىلەرنىڭ قوللىرىدىن چۈشمىدى. ئەخەت بوۋاي ئولتۇراق رايونىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە كەنت ئاھالىلىرىگە ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېدى، ئېۋىرغول رايونى رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۆھلەت ئىچىدە ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     سىردىشىش يىغىنى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئېۋىرغول رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، 2017 – يىلى نويابىردا ۋاقتىدا پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەخەت بوۋاي قاتارلىق دېھقان – چارۋىچىلار ئولتۇراق رايونغا قايتىدىن كۆچۈپ كىردى. دېگەندەكلا، پار بىلەن تەمىنلەش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، قاغۇم باغچە ئولتۇراق رايونىنىڭ پارلىرى ئىسسىدى، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، تۆتنى خەلقتىن سوراش سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.
     سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىدىن ئامما رازى بولدى، ئەمما ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بېسىم ھېس قىلدى. جىگدە قۇۋۇق كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەريەم مەمەت مۇنداق دېدى: سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى مەندە بېسىم پەيدا قىلدى. چۈنكى ئاممىنىڭ مەسىلىسى ھەر خىل، شۇڭا بىز سىياسەتنى پىششىق بىلمىسەك، كەسىپتە پىششىق بولمىساق خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىيەلمەيمىز، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىساق، خەلققە يۈز كېلەلمەيمىز. بۇ خىل بېسىم مەريەم مەمەتكە ئوخشاش سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىغا قاتناشقان كادىرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹كۆۋرۈكلۈك›› رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش، ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.  
     بۇلتۇر 6 – ئايدا ئېچىلغان سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىدا، جىگدە قۇۋۇق كەنت ئاھالىلىرى 18 خىل تەكلىپ – پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۆھلەت ئىچىدە ھەل قىلىندى.
     كادىرلار بېسىم ھېس قىلىش بىلەن بىللە، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق ھېس قىلدى. ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازارلىق دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىسكەندەر مەمەت كۆپ قېتىم سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىغا  قاتناشقان، ئۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا نىسبەتەن بىر خىل سىناق، دۆلەتنىڭ ھەرخىل سىياسەتلىرىنى بىز ئالدى بىلەن ياخشى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن پۇقرالارغا ياخشى يەتكۈزەلەيمىز، بۇ ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹كۆۋرۈكلۈك›› رولۇمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالايمىز، بىز چوقۇم پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.
     قومۇل شەھەرلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى چېن جىفېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى قومۇل شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ،  كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى تېخىمۇ ياخشىلاندى. خەلقنىڭ دەۋا – تەلەپ يوللىرى راۋانلىشىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى. كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنلىشىپ، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆسۈپ، باش نىشان ۋەزىپىلىرى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىدىغان بولدى.
     ھازىرغا قەدەر، قومۇل شەھىرى بىر رايون، ئىككى ناھىيەدىكى 177 مەمۇرىي كەنت، 70 مەھەللىدە ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى ئاچتى، بۇ يىغىن كۆپ قىسىم جايلاردا ئىككى قېتىمدىن ئېچىلىپ، جەمئىي 480 قېتىم ئېچىلدى. بۇنىڭغا قاتناشقانلار 55 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، نەق مەيداندا سورالغان سوئال 3958گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇلغىنى 3668 بولۇپ، قالغانلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى.
     چېن جىفېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىغا كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى قايتىدىن تىكلەنگەنلىكى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى. كادىرلارمۇ ‹‹ئامما ئارىسىدىن كېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىش››نى بىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش›› ئىدىيەسىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.
     2018 – يىلى يانۋاردا قومۇل شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، ‹‹تۆتنى خەلقتىن سوراش›› سەمىمىي سىردىشىش يىغىنىنىڭ شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىردىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە يەنىمۇ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى››نىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئېھتىياجىنى سوراش، غەم – ئەندىشىسىنى سوراشتىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، چارە – تەدبىر سوراش، مەسلىھەت سوراشقا قارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى