تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ۋاڭ خۇڭلى 

     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش  ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. مانا بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىغا بولغان يېڭى تونۇشى، يېڭى ھۆكۈمى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىدۇر.
     زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ پىرىنسىپى  ‹‹سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش››؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي يولى  <<تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش>>؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا كەسىپ تەرەققىياتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ  ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ تېز بەرپا قىلىش؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى  بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكت جانلىق، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش لايىقىدا بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىش؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى  ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش.
    تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي يولى
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. يېڭى دەۋر، يېڭى يۆنىلىش، يېڭى ئالاھىدىلىك جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىگە، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇق ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
     تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي يولى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ‹‹سۈپەت، ئۈنۈم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ››نىڭ تۈپ ئۆزگىرىشىنى، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى چوقۇم ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش شەرت. ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يەنە بىر قېتىم مۇھىم تەرەققىيات ئورنى، تەرەققىيات يۆنىلىشى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈچەش نۇقتىسىدۇر ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىدۇر.
     شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەھەتلەرنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك: بىرىنچى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ھال – يۇقىرى ئىستېمال، ئىجادىيەت يېتەكلىمىسى، يېشىل – تۆۋەن كاربون، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد، زامانىۋى تەمىنلەش زەنجىرى، ئادەم كۈچى كاپىتالى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى توپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىش ئارقىلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەرنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا ھال ۋە يۇقىرى دەرىجىسىگە يۈزلىنىشىنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى توپىدىن بىرنەچچىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇچىلىق، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى، ئېلېكتىر تورى، ئۇچۇر، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلىما بايلىق تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، سۈپەتلىك كۆپەيمە تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، كارخانىچى روھىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش – ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. بىلىملىك، ماھارەتلىك، ئىجادچان ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ، نەمۇنىچىلىق روھى ۋە ئۇستىكار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكنى شەرەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى  شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان كەسپىي ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
     سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش  زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى
     سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش  ئومۇميۈزلۈك زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك. بۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىشنىڭ ئىككى چوڭ مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇمىي تەپەككۇر جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى  ‹‹مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدىغان، ئامىللار ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باھا ئىنكاسى جانلىق، رىقابەت ئادىل – تەرتىپلىك، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك>>، دەپ كۆرسىتىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش››تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى يېڭىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ۋە خامچوت تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
     ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش كېرەك
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش  تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى ۋە مۇھىم يولى قىلىش كېرەك.
     ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشتا ئۇل تەتقىقاتتا ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. يەنى ‹‹ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆزلەنمە ئۇل تەتقىقاتى، باشلامچى ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ›› ۋە <<ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى كېڭەيتىش ۋە يولغا قويۇش>>؛ ‹‹تۆت تېخنىكا››نى، يەنى ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ‹‹يەتتە›› تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش يولىغا تىرەك بولۇش، يەنى پەن – تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت، تور ئالاقىسىدە كۈچلۈك دۆلەت، قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەت، رەقەملىك جۇڭگو ۋە ئەقلىي جەمئىيەت قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشتا يەنە تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، يەنى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ھەر خىل تىپتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى تېزدىن كۈچەيتىش كېرەك.
     يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىش كېرەك
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ ئېلىمىز تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە بولغان دەۋر خاراكتېرلىك چوڭقۇر تونۇشتۇر. زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى  ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشتا. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنىڭ ئىلمىي چۈشەندۈرۈلۈشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىش، يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ قوللانما، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش؛ ماس تەرەققىيات ئارقىلىق رايون تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈزەپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياخشىلاش؛ يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ تېخىمۇ ئىناقلىقىنى بەرپا قىلىش؛ ئوچۇق تەرەققىيات ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ ھەمبەھرە تەرەققىيات ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىرلەرنىڭ بىرى.
     يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش›› تەرەققىيات ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش كېرەك
     ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش››تىكى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەرەققىيات چوقۇم خەلق ئۈچۈن بولۇشى، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئادىللىقى، ئۈنۈمدارلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش كېرەك.
     ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى››دىن ئىبارەت بۇ يېپيېڭى ئاتالغۇ ئېلىمىزنىڭ <<يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار>> مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: <<يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار>> مەسىلىسى  دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، <<يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار>> مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى باشتىن – ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت. دوكلاتتىكى ‹‹ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش››، ‹‹جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش››، ‹‹يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان›› دېگەندەك ئاددىي سۆزلەر ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ، دېھقانلارنىڭ چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بىز يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش... رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا، شەھەر – يېزىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۈكەممەللەشتۈرۈشكە، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تۈزەش ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
     ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش›› بىلەن ‹‹رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش›› تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋردىكى يېڭى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر؛ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ  ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر.
     يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش مۇساپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك››. بىز سودىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك، قولايلىق تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىش، رايونلارنىڭ ئېچىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، سودا تەجرىبە رايونى ئىسلاھاتى، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سالماقنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكىنى ھەرگىز تاقىمايدۇ››، ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى دۇنياغا تېخىمۇ تارالماقتا.      
     ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات مەزمۇنىنى بېيىتتى، ‹‹تىنچ ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق – سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان›› يىپەك يولى روھى، ‹‹ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش››تەك پىرىنسىپى، ‹‹يېشىل يىپەك يولى، ساغلام يىپەك يولى، ئەقلىي يىپەك يولى، تىنچ يىپەك يولى››دىن ئىبارەت تەرەققىيات مەزمۇنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ قىممەت مەزمۇنىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى