تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى قۇربانجان مەمەت

     مەن ئىلىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت ئورنىدىن رەھبەرلىك خىزمەت ئورنىغا چىققۇچە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭقۇر شەپقىتىگە ئېرىشتىم ھەم تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ئىزچىل چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ كەلدىم.
     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.
     مەن پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، باشتىن – ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن–ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلدۈم، دىققەت قىلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى–سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، تارىخنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئاق–قارىنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىپ، ھەق–ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، پاكىتنى بۇرمىلىدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ ۋە تەرغىب قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خالىغانچە قارا چاپلاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى تۇغدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلارچە مېھىر–مۇھەببىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ، خاتىرجەم، ئىناق تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.
     پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە، ۋەتەنگە ئۆزۈمنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بۇ تەلەپنى بۇرچ، مەسئۇلىيەت، دائىملىق ئىش، ئىش–ھەرىكىتىمنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى قىلىمەن، باشتىن–ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، باشتىن–ئاخىر پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، باشتىن–ئاخىر پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، باشتىن–ئاخىر ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەم، ئىناقلىقى، خەلقنىڭ ئىناق–ئىتتىپاقلىقىدىكى توسالغۇ ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىغا تۈرتكە بولىمەن. ھەر مىللەت قېرىنداشلار، بۇ بىر مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا چەتتە قاراپ تۇرغۇچى يوق، مۇناسىۋەتسىز ئادەم تېخىمۇ يوق. مۇقىملىق بولغاندىلا، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قوغدىغىلى بولىدۇ؛ ئىتتىپاقلىق بولغاندىلا، دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ. ھەممە بىر مەقسەتتە بولغاندىلا، ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. مەن ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماي، ھەرگىز قورقۇنچاقلىق قىلماي، ھەرگىز مۇرەسسە قىلماي، ھەرگىز چېكىنمەي، باتۇرلۇق بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تاقابىل تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.
     ھازىر شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بۇ بىر مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش شەرت. مەن باشتىن–ئاخىر شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەممەيلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر بىرىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلساقلا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتەلەيمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى