ماناس ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس مادات
مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، بالىلىق چاغلىرىمدا ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، بىللە ئويناپ، ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇق. ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم، دوستلىرىم خىزمەتتە، ئىدىيەدە، تۇرمۇشتا ماڭا كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەچكە، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
مەن ۋەتەندىن مىننەتدارمەن. بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش ماڭا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغانلىقىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ قوللىشىدا شىنجاڭنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان يېڭى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر – يېزىلاردا زور ئۆزگىرىش بولغان، مىللەتلەر زىچ ئىتتىپاقلاشقان يېپيېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەر بىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن، ئانا ۋەتىنىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىمەن دەيدىكەن، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمەن! ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇمدۇر.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقىي جەڭچى بولىمەن.
پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ھەرىكىتىمدە كۆرسىتىدىغان جەڭچى بولىمەن.
‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزىدىغان جەڭچى بولىمەن.
‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئىنقىلابىي غايىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان جەڭچى بولىمەن.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغان جەڭچى بولىمەن.
دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان جەڭچى بولىمەن.
داۋاملىق ئىزدىنىپ ئىلگىرىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارغا دادىل جەڭ ئېلان قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغان جەڭچى بولىمەن.
بىز باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!