تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ يۇقىرى «قىممەت» يارىتىلىپ، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 55تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 2017 – يىللىق تىجارەت كىرىمى 26 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.3 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ھالقىپ، %15.2 لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 54 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %73.8 ئاشقان.
     دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش بوغالتىرى شېن يىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلدى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى، ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتۇرۇلدى، ئايلىنىش سۈپىتى مۇقىم ياخشىلاندى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم مۆلچەردىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. 2017 – يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات ھالىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كارتىنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەز كارخانىلىرىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىجابىي ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى:
      ئەمەلىي كۈچ تېخىمۇ زورايدى. 2013 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە مەركەز كارخانىلىرى ياراتقان يىغىندى پايدا 6 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە، تاپشۇرغان باج 10 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى بەش يىلدىكىدىن ئايرىم  – ئايرىم %27  ۋە %41.4 ئاشتى. 48 مەركەز كارخانىسى ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى باھالىغان 2017 – يىللىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ھەم ئالدىنقى بەش كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى.
      قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى. قايتا تەشكىللەش، بىرلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلەشتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانا 97 گە تەڭشىلىپ، دۆلەت كاپىتالى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ، ھالقىلىق ساھەلەرگە، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلدى.
      ‹‹ئورگانىزم››لار تېخىمۇ ساغلاملاشتى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش سالمىقى داۋاملىق زورايتىلدى، 2017 – يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پولات – تۆمۈر كەسپىدە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن 5 مىليون 950 مىڭ توننا، كۆمۈرچىلىك كەسپىدە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن 27 مىليون 30 مىڭ توننا تۈگىتىلدى، كۆمۈر مۈلۈك باشقۇرۇش سۇپىسى شىركىتى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن 100 مىليون توننىنى بىرلەشتۈردى. ‹‹مۇردا كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش››، قاتلام – دەرىجىلەرنى ئازايتىش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى.
      ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەركەز كارخانىلىرى ۋە تارماق كارخانىلار شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى پۇختا يولغا قويۇلدى، مەركەز كارخانىلىرى ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
     ھازىر، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتى مۈشكۈل بولغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ياچىڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى