تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى جۇ شىفېننىڭ تۇغقانلىشىش خاتىرىسى

خېي خۇڭۋېي، سۈي يۈنيەن، سۇ لۇپىڭ

     _ چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
      _چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تېز كىرىڭلار.
    16-فېۋرال، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 1–كۈنى چۈشتە، جۇ شىفېن چاغانلاپ كەلگەن تۇنجى مېھماننى كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭ تۇغقىنى ئالىم مەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەلگەنىدى. ئالىم ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى رۇقىيە توخۇ قورۇمىسى، پولۇ، قورۇما چۆپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى ئەكەلگەنىدى، ئۇلار:
     _ سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ كەلدۇق، چاغاننى بىللە ئۆتكۈزەيلى،  دېدى.
    _كەلگىنىڭلاردىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم،  دېدى جۇ شىفېن ھاياجانلىنىپ.
   _موما، چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!  ئالىمنىڭ كىچىك ئوغلى ئەزھەرنىڭ ئىككى قولىنى بىرىكتۈرۈپ تەزىم قىلىپ جۇ شىفېننىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەن ئوماق ھەرىكىتى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈۋەتتى. جۇ شىفېن ئەتىگەندىلا داستىخانغا قەنت–گېزەك، قورۇق مېۋە قاتارلىقلارنى تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى. جۇ شىفېن مۇنداق دېدى: ئالىم ماڭا چاغاننى بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئېيتقانىدى، بۈگۈن ناھايىتى جىق تاماق ئېتىپ كەپتۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزدۇق، بەك ياخشى بولدى.
     73 ياشلىق جۇ شىفېن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، شۇنداقلا پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىدى، ئۇ 2002–يىلى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى بېيمىن مەھەللىسى ‹‹خۇيمىن›› ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلگەنىدى. ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان جۇ شىفېن كۈندە چۈشتىن كېيىن مەھەللىدىكى پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا، ئالىم بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى.
     جۇ شىفېن ئالىمنىڭ خىزمىتى يوقلۇقىنى، خوتۇنىنىڭ بازاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ، ئالىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلىشىش ئويىغا كەلدى، ئەينى چاغدا جۇ شىفېن: ‹‹مەن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن، قۇتۇبىدا ھېچقانداق تۇغقىنىم يوق، رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم بېرەي›› دەپ ئويلىغانىدى.  
     جۇ شىفېن 2015–يىلى دېكابىردا چاي، كەمپۈت قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئالىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەقسىتىنى ئېيتتى. ئالىم ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇ كۈنى ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، بالىلارمۇ ئۆيدە ئىدى، جۇ ئانا ئۆيىمىزگە كېلىپ، بىز بىلەن تۇغقان بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەنىدۇق.
      ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى مېنىڭ نەۋرىلىرىم، ئۆز نەۋرەمگە ئوخشاش،  دېدى جۇ شىفېن. جۇ شىفېن بالىلارغا دائىم كىيىم–كېچەك، يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەردى، كۈندە بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، بالىلار ئۆگىنىشتە تېز ئىلگىرىلىدى. ئالىممۇ جۇ شىفېننىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن خىزمەت تېپىۋالدى.
     بۇلتۇر ئىيۇندا ئالىمنىڭ چوڭ ئوغلى ئەنتەر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندا، ئەر–ئايال ئىككىسى بەكلا تەمتىرەپ قالدى. جۇ شىفېن ئىككىلەنمەيلا 2000 يۈەننى ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بەردى ھەم ئەر–خوتۇن ئىككىسىنى خىزمىتىنى نورمال ئىشلىشىگە دەۋەت قىلىپ، ئۆزى دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئەنتەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. رۇقىيە مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا رۇخسەت سورىيالمىدىم، ھېلىمۇ ياخشى جۇ ئانا كۆپ ياردەم قىلدى. بالىلار مومىسىغا بەك ئامراق، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بەك ياخشى.
     ئەنتەر مومىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، روھىم چۈشۈپ كەتتى، ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كېتىشتىن، چىرايىمنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەنىدىم، مومام كۈندە ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ماڭا نەسىھەت قىلدى، مەن ياخشى ئۆگىنىپ، مومامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.
     ئىككى ئائىلە كىشىلىرى قويۇق باردى–كەلدى قىلىش جەريانىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى، ھەتتا بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ يېقىن ئۆتتى. 2017–يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ئالىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رۇقىيەنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىپ، جۇ شىفېننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزدى. ئالىمنىڭ ئاتا–ئانىسى نەچچە يىل ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەنىدى، جۇ شىفېن بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئانىلىق مېھرىگە قايتىدىن ئېرىشتى، بالىلارمۇ موماينىڭ كۆيۈنۈشىگە ئېرىشتى. يىغىلىشتا ئىچ مىجەز ئالىم ئىختىيارسىز جۇ شىفېننى ‹‹ئانا›› دەپ چاقىردى.
     جۇ شىفېن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھاياتلا بولسام، ئىككى نەۋرەمنى ئىستۇدېنت قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى