تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزىلار گۈزەللەشتى، يانچۇقلار تومپايدى، پۇقرالار كۈلدى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹گۈزەل يېزا–كەنت ھەرىكىتى پىلانى››نى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا

گەي يۇجۈن، مىڭ ۋېنتۈەن

     باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش لازىم. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش لازىم.
     سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 2016 – يىلى ‹‹گۈزەل يېزا – كەنت ھەرىكىتى پىلانى››نى يولغا قويۇپ، كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. ھازىر، ئوبلاست بويىچە ‹‹مەنزىرىسى گۈزەل، دېھقانلىرى باي، ئىستىلى ياخشى›› كەنتتىن 40 ى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى.
     مەنزىرىسى گۈزەل كەنت قۇرۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
     فۇكاڭ شەھىرىگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر گۈزەل كەنت، يەنى چىڭگۇەن بازىرىنىڭ لياڭفەن مەركىزى كەنتى بار. رەت – رەت دەرەخلەر قەد كۆتۈرگەن، ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر رەتلىك سېلىنغان، قاردىن لىباس كىيگەن بۇ كەنت خۇددى سۇ بوياق رەسىمىدەك كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى.
     بۇ بىر قانچە يىلدا، لياڭفەن مەركىزى كەنتى ئىشنى ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشتىن باشلاپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. كەنتتىكىلەر ئاۋۋال ئائىلە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى، كەنت بىر تۇتاش پىلانلىدى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىر كىۋادرات مېتىرغا 300 يۈەندىن تولۇقلىما بەردى، شەھەر مالىيەسىدىن 9 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، يېڭى مەھەللىنىڭ سۇ تۇرۇبىسى ۋە ئەۋرەز يولى، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش، كابېل قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تاماملاندى، ئىككى قەۋەتلىك داچىدىن 110 يۈرۈش سېلىندى.
     بىز 4-فېۋرال بۇ كەنتتىكى ۋاڭ شىرىننىڭ ئۆيىگە باردۇق، ئۇنىڭ ھويلىسى ئازادە بولۇپ، ئۆيىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق ئىكەن، ئۇ ھەر خىل گۈللەرنى بېقىپتۇ.
     ۋاڭ شىرىننىڭ چېھرىدىن بەخت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كونا ئۆيدە مەشكە ئوت قالايتتۇق، كۈندە كۈلنى تازىلايتتۇق، تاملار ئىستىن قارىداپ كېتەتتى؛ قار ياغقاندا يەنە ئۆگزىگە چىقىپ قار تازىلايتتۇق، نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئۆگزىگە لاي سالاتتۇق. ھازىر شەھەرلىكلەر ھەۋەس قىلىدىغان داچىدا تۇرۇۋاتىمىز، ھەقىقەتەن ياخشى دەۋرگە ئۇلىشىپتىمىز!
     سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇشنى ‹‹بىرىنچى قول باشلىق›› قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزدى. ناھىيە – شەھەرلەر كۆپ يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ئوبلاستتىكى گۈزەل كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىغان 89 كەنتكە 568 قۇرۇلۇش تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇر 946 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
     سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹كەنت، يول، كۆل ئەتراپىنى پاكىزلاش، يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، ئەخلەت، پاسكىنا سۇ، قىغ، ئېتىز – ئېرىقلاردىكى بۇلغانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹ئىككى بۇلغىما››نى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، 14 يېزا – بازار، 97 مەمۇرىي كەنتكە ئەخلەت يىغىش، توشۇش ئۈسكۈنلىرىنى سەپلەپ بېرىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلدى. يېزا – كەنتلەردىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە، ناھىيە – شەھەر، يېزا – بازارلار ئىنچىكە لايىھە تۈزۈپ، قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، بۆلەككە بۆلۈپ بىيولوگىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى پائال قوللىنىپ، كۆلەملەشكەن مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان تەننەرخ يۇقىرى بولۇش، قىيىنچىلىق زور بولۇش، ئۈنۈم ناچار بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.
     دېھقانلار باي بولدى، دېھقانلار ھويلىسى ‹‹ئالتۇن جام››غا ئايلاندى
     مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېگىنبۇلاق يېزىسىدىكى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە يۆلياڭدى كەنتى يەنىلا ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ قىياپىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
     يۆلياڭدى كەنتى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ، ئۆرپ – ئادەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تەبىئىي مەنزىرە، مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كەنتتە 100 نەچچە يىل ئىلگىرى سېلىنغان ‹‹پۈتۈنلەي ياغاچ قۇرۇلمىلىق›› كارىدورلۇق ئۆيلەر ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەر ساقلىنىپ قالغان.
     گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش داۋامىدا، يۆلياڭدى كەنتى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش – پايدىلىنىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ياغاچ كارىدورلۇق ئۆيلەرنى ئۆزگەرتمەي ئەسلىنى ساقلىدى، بەزى ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. يۆلياڭدى كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان لى شيۇلەن 1914 – يىلى سېلىنغان كونا ئۆيىنى ‹‹يۆلياڭلىقلار›› سەھرا ئارامگاھى قىلىپ ياساپ، كونا ئۆينىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى، يەنى يېشىل كاھىش، سوقما تام، ياغاچ قاشا تامنى ساقلاپ قالدى، ئەمما ئۆيدە كەڭ بەلباغلىق تور، سۇ تەمىنلەش – چىقىرىش ئەسلىھەسى، ھاجەتخانا، مۇنچا، ئۆلچەملىك ئاشخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. لى شيۇلەن مۇنداق دېدى: ھازىر، كەنتتە 34 ئائىلە يېمەك – ئىچمەك، ياتاق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئائىلە يىلدا ئوتتۇرىچە 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.
     سانجى ئوبلاستى ئالدىن پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلىدى. يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئوبلاستتىكى يېزا يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇ تەمىنلەش – چىقىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، 2115 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياساپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 6069 نى، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىدىن 774 نى سالدى؛ يېزا بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىدىن بەشنى يولغا قويۇپ، 158 كەنتتىكى 87 مىڭ 800 كىشىگە نەپ يەتكۈزدى...
     ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى سانجى ئوبلاستىدىكى يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە بايلىق ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى. دېھقانلار ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن كۆپ مەنبەلىك كىرىم قىلىشقا يۈزلەندى. بۇلتۇر سانجى ئوبلاستىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 240 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 800 يۈەن ئاشتى.
     كەنت ئىستىلى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرىمۇ گۈزەل
     سانجى ئوبلاستى گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش داۋامىدا، يېزا مەدەنىيلىكىنى يېزىلارغا، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، يېزىلارنى تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
     سانجى ئوبلاستى گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش مۇساپىسىدە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، ئاھالىلەرنى ئاۋام ئىستىلى، كەنت ئىستىلى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. قۇرۇلۇش پىلانى ياخشى، قىياپىتى ياخشى، يول قۇرۇلۇشى ياخشى، ئورمان بەرپا قىلىش – كۆكەرتىشى ياخشى، مۇھىت تازىلىقى ياخشى، كىرىمنى كۆپەيتىش – ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى ياخشى بىر تۈركۈم گۈزەل كەنتلەرنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما خۇشال – خۇرام ياشايدىغان ‹‹ئۈمىدلىك ماكان›› قۇرۇپ چىقتى.
     قالاق ئادەت تۈگىتىلىپ، مەدەنىيلىككە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكتىن، يېزا مەدەنىيلىكى گۈللىرى سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزىلىرىدا تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلدى. مورى ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسى بوستان كەنتىدىكى نازىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلار بەك ياخشى بولۇپ كەتتى، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىنى كەنت كېڭىشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، قانداق تاماكا چېكىش، قانداق ھاراق ئىچىشتىمۇ بەلگىلىمە بار، بىزنىڭ يۈكىمىز يېنىكلىدى، ئۇرۇق – تۇغقان، قوشنىلارنىڭ پۇلىمۇ تېجىلىپ قالدى.
     كەنت قىياپىتى ياخشىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللىشىپ، ئۇزاقتىن بۇيان توختاپ قالغان يېزا – كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قايتىدىن جانلاندى. سانجى شەھىرىنىڭ ئېرليۇگۇڭ بازىرى شياليۇگۇڭ چۈەنچاڭخۇائېر يېڭى كەنتىدە ھەر دۈشەنبە كۈنى پۇقرالار ئۇسسۇل سەھنىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
     سانجى ئوبلاستلىق ‹‹گۈزەل يېزا – كەنت›› قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لى بىنجيەن مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىلگىرى يولغا قويۇلغان ‹‹گۈزەل يېزا – كەنت ھەرىكىتى پىلانى›› ئاساسىدا، مەركەزنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ‹‹كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش›› يېڭى تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش ئۆلچىمىنى قايتىدىن تۈزۈپ، گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، سانجى ئوبلاستى ھازىر ھەر بىر ناھىيە، شەھەردىن ئۈچتىن – بەشكىچە كەنتنى تاللاپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت قىلدى، بىز 2020 – يىلى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تىپىك ئۆلچەمنى بەرپا قىلىپ، ئۆرنەك قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە، ئەندىزىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوبلاست بويىچە كېڭەيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى