تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستېرېئولۇق ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

لى لىن، ليۇ جىڭ، رادىف ئىمىن

     باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش  تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى›› دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غېمىنى يېيىشنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم بىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى سۆيۈش›› خىزمەت ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىستېرېئولۇق ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدۇردى.
     ‹‹قوش مەركەزلەشتۈرۈش›› تەدبىرى بالىلارنى تەربىيەلىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش شارائىتىغا ئىگە قىلدى
    3-فېۋرال چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىگە باردۇق، ئوچۇق سېرىق رەڭلىك بىنادىكى رەڭدار بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. ۋاسكېتبول مەيدانىدا، بىر نەچچە بالا ۋاسكېتبول ئويناۋاتاتتى. 14 ياشلىق زې ياڭ (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بەك ياخشى، مەن بۇ يەردە تۇرۇشنى ياقتۇرىمەن.
     ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا، يېتىم بالىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن، بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى بېقىۋېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالىلارنى بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە تەكلىپ قىلغان، يازلىق تەتىلدە يەنە ئۇلارنى بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىدە بىر ھەپتە تۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان، زې ياڭ شۇ چاغدا بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان.
     زې ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ماڭا قارايدىغانلار بار، ئۇلار ماڭا بىلىم ئۆگىتىدۇ، ئۆگىنىشىمگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەن گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى بالا بولىمەن.
     بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان بوۋاي نۇرمەمەت ئىمىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدۇ، ئۇ بۇ يەردىن ناھايىتى رازى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇلازىملار بىزگە تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، يوتقان – كۆرپىلىرىمىزنى يىغىپ بېرىدۇ، يەنە تىرنىقىمىزنى ئېلىپ قويىدۇ، بۇ يەردە كۈتۈنۈش بەك راھەت.
     نۇرمەمەت بوۋاي بۇلتۇر يىل بېشىدا يېزىدىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان باشقا ياشانغانلار بىلەن بىللە، چارباغ يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كەلگەنىدى. بۇ يەردە ئۇنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئاپپاراتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاراش ۋە پەرۋىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇ، ئۇنىڭ ‹‹يېڭى ئائىلە››گە بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
     نۇرمەمەت ۋە زې ياڭغا ئوخشاش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلار ‹‹قوش مەركەزلەشتۈرۈش›› تەدبىرى بويىچە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنمەكتە. 2017 – يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون ‹‹بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىۋېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈپ، ساناتورىيەدە تۇرۇشنى خالايدىغان بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش، يېتىم بالىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىۋېلىش (قىسقارتىلىپ ‹‹قوش مەركەزلەشتۈرۈش›› دەپ ئاتالدى)نى 2020 – يىلىغىچە تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 2017 – يىلى تۈرلۈك مەبلەغدىن 458 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلار بىلەن يېتىم بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جايلاردىكى بېقىش ئاپپاراتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بەردى. 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلاردىن 17 مىڭ كىشى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلدى، 8400 يېتىم بالا مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىۋېلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ساناتورىيەدە تۇرۇشنى خالايدىغان بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىۋېلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى.
    ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى
     4-فېۋرال، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئابلىكىم ئەمەتنىڭ ئۆيىدىكى مەشتە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئۆي ناھايىتى ئىسسىق ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قىش كىرىشتىن ئىلگىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىزگە كۆمۈر تارقىتىپ بەردى، بىز قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزدۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت.  
     تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىشلىق ئىسسىنىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ‹‹ئىللىقلىق كۆمۈرى›› ياكى ئىسسىنىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹زىمىستان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش›› مەخسۇس پاناھلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 389 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاشلىق، كىيىم – كېچەك، ئىسسىنىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر –  ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش بىخەتەرلىك تورىنى زىچ بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ‹‹تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش››، ‹‹مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش››تىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى پۇختىلىدى.
     ئاپتونوم رايون بويىچە 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەھەر – يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى جەمئىي 2 مىليون 710 مىڭ كىشى بولدى. دەل جايىدا بېكىتىش، دەل جايىدا پاناھلاندۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق چېكىندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى نازارىتى ج خ نازارىتى قاتارلىق 11 نازارەت – ئىدارە بىلەن بىرلىشىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. تۈرلۈك پاناھلاندۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى ئادىل، ئوچۇق – ئاشكارا تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
     تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى خاتىرجەم قىلدى
      داۋالىنىش ياردىمى سىياسىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
     بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۆتەڭ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ھەسەن تۇردى 4-فېۋرال تېلېفوندا داۋالىنىش ياردىمىنى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر سېنتەبىردە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىم مەلۇم بولدى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەممىمىز غەمگە پاتتۇق. خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئائىلە ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا دەل ۋاقتىدا  ئېغىر كېسەل داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا ياردەم قىلدى.
     ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇلتۇر 743 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ، 1 مىليون 498 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە داۋالىنىش ياردىمى بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە، 230 مىڭ كىشى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشتى، ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش سەۋىيەسى 2390 يۈەنگە يەتتى؛ ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 223 مىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىلدى، يىللىق ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى 125 يۈەن بولدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەل داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىدىغان پۇلى يوق بولۇش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ياردەم بېرىلدى. ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقانلارغا قارىتا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ‹‹قان بېرىش›› ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.  
     تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئاپتونوم رايونىمىز 2017 – يىلى يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى يىلىغا 3200 يۈەندىن تۆۋەنلەتمەسلىكنى بېكىتىپ، جايلارنىڭ يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىگە يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ئاشتى؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 6 مىليارد 530 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى 2 مىليون 710 مىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى