تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىراننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى روھانىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2–ئاينىڭ 19–كۈنى ئىراننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى روھانىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
     شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، بارلىق يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.