تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹19–فېۋرال››دىكى مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىشىن

     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان جانلىق ھېكايىلەرنى قېزىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى چاغاندا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولدى.
     ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياخشى ھېكايىلەرنى قېزىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش  يېڭى دەۋر ئاخباراتچىلىرىغا يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹19 – فېۋرال››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئەمەلدە كۆرسىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     2016 – يىلى 2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدىكى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
     ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە ئاخباراتچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق دەۋرنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
     مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش
     بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇش، توغرا كەيپىيات بىلەن ئادەم تەربىيەلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، سەپسەتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى باغلاپ، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار بۇ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جامائەت پىكرى بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى مىسالغا ئالساق، دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قۇرۇلتاينى ياخشى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتى ئالدىن پىلانلاپ، خەۋەر قىلىش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ، بىر تۈركۈم ۋەزنى بار خەۋەرلەرنى ئۇزاققىچە، ئارقا – ئارقىدىن، كۆپ نۇقتىدىن ئېلان قىلىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى تېخىمۇ ياڭراتتى ھەم پارتىيە ۋە خەلق خاتىرجەم بولىدىغان ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
     شىنجاڭ گېزىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لى شيەنيۇ مۇنداق دېدى: مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان كۈنى شىنجاڭ گېزىتى ‹‹تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ›› دېگەن تېمىدا تۆت ئالاھىدە بەت چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى 13 مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 13 شەخسنى تاللاپ، سۈرەت – يېزىق كىرىشتۈرۈلگەن ھېكايە ئارقىلىق چوڭ باش تېمىنى كەڭ دائىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ روھىي قىياپىتى، ئەمەلىي كۈچى ۋە سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى.
     شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەسىس قىلغان ‹‹19 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغايلى›› دېگەن تېمىدىكى مەخسۇس سەھىپە ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارماق سەھىپىلەردىكى كۆرۈنۈشلەردە يېڭى دەۋردىكى تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ يېڭى كەيپىياتى، يېڭى قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىندى.
    تىيانشان تورى ۋە ھەرقايسى سۇپىلار قۇرۇلتاينى كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ خىل تىلدا ئەتراپلىق خەۋەر قىلدى...
     ئاخباراتچىلىرىمىز بۇرچىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، توختىماي خەۋەر قىلدى.
     ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندۇردى  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىشى، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ ئۈچ يىللىقى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بەس – بەستە پىلانلاپ، ‹‹باش شۇجىغا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىمىز››، ‹‹باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز›› قاتارلىق يۈرۈشلۈك سەھىپە ۋە ئالاھىدە بەتلەرنى تەسىس قىلدى.
     ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى  ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى، توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىن، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى تەشكىللىك قانات يايدۇردى.
     شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى شىنجاڭنىڭ ئاخبارات سېپىدىكى ‹‹باشلامچى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ياخشى ‹‹كانىيى›› بولۇپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تاراتقۇ ئەندىزىسىدە پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ۋە جامائەت پىكرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، زورايتتى.
     ‹‹بېرىش، ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىسىنى تارقىتىش
     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەتچىلىرى ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، باش چۆكۈرۈپ، تەمكىن بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، راست گەپ قىلىپ، چىن ھېسسىيات بىلەن ئىشلەپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ھارارەتلىك، سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى كېرەك.
     ئاخبارات ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيەسى قەيەردىن كېلىدۇ؟ ‹‹ھارارىتى›› قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ جاۋابى دەل خەلقنى مەركەز قىلىدىغان خىزمەت يۆنىلىشىدە، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قىممەت يۈزلىنىشىدە، جانلىق ئەمەلىيەت ۋە قىزغىن تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتتا.
     ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخباراتچىلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى كەڭ، ئېنىق، جانلىق يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا زىچ بىرلىككە كەلتۈردى.
     ئىت يىلىدىكى چاغاندا ھەممە ئائىلە خۇشال – خۇرام جەم بولدى. شىنجاڭ گېزىتى ‹‹چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، يەتتە شۆبە ئەترەت تەشكىللەپ، گېزىتخانا رەھبەرلىرىنىڭ باشچىلىقىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا، مەھەللە، كارخانىلارغا بېرىپ، ئىشچىلار، دېھقانلار، سودا – سانائەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە ھەربىيلەر بىلەن بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈپ، چاغاندىكى قىزغىن كەيپىيات ۋە تەرەققىيات مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلدى.
     شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىر، مۇھەررىرلەرنى تەشكىللەپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپتىن كەلگەن خەۋەر، سۈرەت ۋە سىن ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى تەسىرلىك بايان قىلدى.
     شىنجاڭ گېزىتى مۇھىم خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ: دەۋر باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق ياراتقاندىلا، تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دېدى.
     شىنجاڭ گېزىتى ‹‹چېگرادىكى تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا تولۇپ تاشقان ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.
     ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا نەزەر›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىدە، نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇماتلار، تەپسىلىي پاكىت، يېڭى، جانلىق ھېكايە ۋە مىساللار ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تاغ – دەريالىرىنى، شەھەر – يېزىلىرىنى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، زور ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى.
     شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جوۋ لى مۇنداق دېدى: ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشكە، سۆزدە يېڭىلىق يارىتىشقا، نادىر ھېكايىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىشقا، چوڭقۇر ھېسسىيات ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان جانلىق خەۋەرلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.
     تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈش
     يېڭىلىق يارىتىش ئاخباراتنىڭ ماھىيىتى، يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئاخباراتنىڭ قانۇنىيىتى.
     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدە جەزمەن ئىدىيە، مەزمۇن، ئۇسلۇب، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە، كەسىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىش كېرەك.
     ئۆتكەن ئىككى يىلدا، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىن قىسمەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكىچە، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، خەۋەردە يېڭىلىق يارىتىشتىن تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىشقىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار خوتنى يۆتكەپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تېز ئىلگىرىلىدى.
     2017 – يىلى شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ‹‹تەرەققىيات توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› بېكىتىلدى، ‹‹مەركىزىي ئاشخانا›› تۈرى قۇرۇلۇشى خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ‹‹مۇخبىرلىق – تەھرىرلىك سىستېمىسى››نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاماملاندى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى خەۋەر تېرمىنالى›› تۈرى ۋە ‹‹ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى رەقەملىك نەشر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش›› تۈرى قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى.
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ گېزىتى مۇھىم تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى پۇرسەت بىلىپ، چوڭ تىپتىكى تور مەخسۇس تېمىسىدىن 38نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۈچ جامائەت ئۈندىدار سۇپىسىنى ئاچتى. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق پارتىيە گېزىتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 13 ۋىلايەت، ئوبلاستتا مۇخبىرلار پونكىتى قۇرۇپ، ئاخباراتنىڭ تېز ئىنكاس قىلىش ۋە ئۇدا ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
     تىيانشان تورى يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، تور ئەھلى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ياراتتى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلى ئارقىلىق تور ئەھلىنىڭ قاتنىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تور ئەھلىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى ئىدىيەلەرنى پىششىق ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك خەۋەر، پاراۋانلىق ئېلانى ۋە لېكسىيە سۆزلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسلىرىنى بىۋاسىتە تارقاتتى، ‹‹باش نىشاننىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە داۋاملىق ئالغا بېسىش›› تېمىسىدا مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ماقالىلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلدى.
     بۇ يىل چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ سەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاڭ مېڭيۈ ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما يولىدا زىيارەت قىلدى. ئۇلار چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يول قاتنىشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى ھەم تور سۇپىسى ئارقىلىق تارقىتىش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ بېيىتتى. جاڭ مېڭيۈ مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى تاراتقۇلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش ئادىتى ۋە ماتېرىيال – ئۇچۇر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاخبارات مەھسۇلاتلىرى ۋە تاراتقۇ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، بۇ ئاخباراتچىلارغا قويۇلغان يېڭى تەلەپ.
     شىنجاڭ ئاسىيا – ياۋروپا تورى خەۋەرنىڭ ئىدىيەسى، مەزمۇنى، ئۇسلۇبى ۋە شەكلىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، گېزىت، تور، تېرمىنال، جامائەت ئۈندىدار سۇپىسىغا تەڭ كۈچەپ، سۈرەت، يېزىق، ئۈن – سىننى بىر گەۋدە قىلىپ تارقىتىپ، مۇھىم باش تېما، مۇھىم يىغىن خەۋەرلىرىدە تامامەن يېڭىچە ئىزدىنىش ۋە بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
     بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخباراتچىلار مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياخشى خەۋەرلەرنى يېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى ۋە كۈچلۈك جامائەت پىكرى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى