تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاراقاش ناھىيەسىدە ئارتۇق ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى

     ئوبۇلھاشىم مەخمۇت خەۋەر قىلىدۇ: قاراقاش ناھىيەسى بۇلتۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، 166 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم) ئارتۇق ئەمگەكچى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، 1 مىليارد 223 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى.
     بۇ ناھىيە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ئىچكىرىدىكى ئۆلكە (شەھەر)لەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە(شەھەر)، بىڭتۈەنگە ئەۋەتىش، دۆلەت كارخانىلىرىغا، ئۆز جايىدا ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، 18 مىڭ كىشىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، سىرتقا ئىشلەمچىلىككە بارىدىغان ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئالدى بىلەن كەسپىي  ماھارەت، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە تەربىيەلىدى، شۇنداقلا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن قانۇن – تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ، ياخشى ئىشلەپ كۆپ پۇل تاپقانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئارتۇق ئەمگەكچىلەر يىلسېرى كۆپىيىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا يېڭىچە يول ئېچىلدى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى