تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز

قۇربان تۇلۇم ئەۋلادلىرىنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدا

لۇيەن، شى لىنجيې

     2–ئاينىڭ 12–كۈنى، پايتەختىمىز بېيجىڭنىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك بولۇپ، ھەممە يەر ئىللىق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 11:00دە قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى، ئۇلار ھاياجانلانغانلىقتىن كۆزلىرىدىن بەخت نۇرى چاقنىدى.
     قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىك ھېكايىسىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. يېرىم ئەسىردىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋرە قىزى رۇقىيەم مەتسەيدى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭگودىكى ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق بىرىنچى ئاۋىياماتكىدا ئەسكەر بولدى. ھازىر ئۇ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. بۇلتۇر جۇڭخۇا ياشلار، ئۆسمۈرلەر خەير–ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوندى قۇربان تۇلۇم مەخسۇس تۈر فوندى يولغا قويۇلۇپ، قۇربان تۇلۇم جەمەتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىرادىسىگە تېخىمۇ ۋارىسلىق قىلىندى.
     رۇقىيەم مەتسەيدى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بېيجىڭغا بېرىپ، ‹‹خۇشال جۇڭگولۇقلار›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى نامايان قىلىپ بەردى.
    قۇربان تۇلۇم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىش ئارزۇسى بار ئىدى. ‹‹خۇشال جۇڭگولۇقلار›› پىروگراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بۇنىڭغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالايىتەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا بۇ قەدىمىي ئىمارەتنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىمارەتنىڭ ماتېرىيالى ھەمدە تۇنجى دۆلەت گېربىنىڭ لايىھەلىنىش جەريانىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە ئالتۇن مېداللىق چۈشەندۈرگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن راۋىقىنى كۆرگەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ناھايىتى ھاياجانلاندى، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ئۇرغۇدى، ئۇلار ئۇلۇغ ۋەتەندە ياشىغانلىقىدىن ئۆزىنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى ۋە ئىپتىخارلاندى.
     قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى، رۇقىيەمنىڭ دادىسى، قۇربان تۇلۇم مەخسۇس فوندىنىڭ مۇدىرى مەتسەيدى ئەيسا مۇنداق دېدى: تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىققاندا بوۋامنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى مەنزىرە كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى، ھاياجېنىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ، بوۋام قۇربان تۇلۇمدىن باشلاپ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقىغا ئېرىشتۇق، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز.
     رۇقىيەم مەتسەيدى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بېيجىڭغا كېلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە زور بولدى. چوڭ بوۋامنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى مەڭگۈ ئاڭلاپ، قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.
     ھەيۋەتلىك، كۆركەم بېيجىڭ تيەنئەنمېن قۇربان تۇلۇم ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئورنىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىشتىكى قەدەملىرىنى باشقىچىلا كۈچكە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى