تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتىكى خۇشاللىققا تولغان ھارپا ئاخشىمى

  يۈەنلېي

     تۈگرە تۈگۈش، چاغانلىق مەسنەۋى چاپلاش، پانۇس ئېسىش... 15-فېۋرال جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاننىڭ ھارپىسىدا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسى مامۇق كەنتىدىكى يېشى 70كە يېقىنلىشىپ قالغان باتۇر ئىسمائىل ۋە خوتۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تۇغقانلاشقان ئون كادىرى بىلەن ئۆزگىچە ھارپا ئاخشىمى ئۆتكۈزدى، باتۇر ئىسمائىل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بەكلا قىزىدى، ئۆزگىچە بولدى.
     ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ كادىرى توختى تاھىر باتۇر ئىسمائىل ئەر – خوتۇننىڭ تۇتۇق ئوغلى بولغان. 15-فېۋرال توختى تاھىر خىزمەتداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھارپا ئاخشىمىنى بوۋاينىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۇلار بوۋاينى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن ئالدىن قوي گۆشى سېتىۋېلىپ، تۈگرىنىڭ قىيمىسىنى، جىلتىسىنى تەييارلىۋالدى.
     كۆپچىلىك تۈگرە تۈگگەچ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى. تېلېۋىزوردىكى قىزىق نومۇرلار، شاد – خۇراملىق ۋە ئىناقلىققا تولغان چاغان كەيپىياتى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلاتتى، بوۋاي پىروگراممىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كۆردى. توختى تاھىر مۇنداق دېدى: رىياسەتچى نېغمەت بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىققان مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە رىياسەتچىمىز بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇرغىنىمىزدا، بوۋاينىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى، كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
    توختى تاھىرلارنىڭ بۇ گۇرۇپپىسىدىن باشقا، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى، يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى چاغان مەزگىلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان 94 كادىرمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى رەھبەرلىرىنىڭ ۋە بەنگۇڭتىڭدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ چاغانلىق سالىمىنى يەتكۈزدى، يۇرتداشلارغا ياردەملىشىپ مەسنەۋى چاپلاپ، مەسنەۋىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ باياشات بولۇشى، ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. كەنتنىڭ ھەممىلا يېرى قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمۈلۈپ، ھەممەيلەن خۇشاللىققا تولغانىدى.  
     ھارپا ئاخشىمىدىكى تاماقلار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى كادىرلار يۇرتداشلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، يۇرتداشلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى.
     شۇ كۈنى كەچتە، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى كادىرلار يەنە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ زالىنى كۆڭۈل قويۇپ بېزەپ، قەنت – گېزەك، گازىر – پۇرچاقلارنى تىزدى. مۇزىكا بىلەن تەڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۇسسۇلغا چۈشتى، بىرلىكتە تەبرىكلىگەن بىر مەيدان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى يەنە بىر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك ‹‹بەختلىك كۈنلەر››نى بىرلىكتە ئېيتىشتى، تاماشىبىنلار ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي بارىكاللا ئېيتىشتى.
     توختى تاھىر مۇنداق دېدى: بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغان چاغان بولدى، يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، دېگەن گەپ بار. بىز يەنە باش باھاردىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانداق پىلانى بارلىقىنى يەنىمۇ چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا، بالدۇر تەييارلىق قىلىشىغا، بالدۇر تۇتۇش قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى