تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ يارقىن نۇقتىسى گەۋدىلەندى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

دۇڭ شاۋخۇا

     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، 1–كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2–كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3–كەسىپنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم–كېچەك كەسپى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ساياھەتچىلىك، سودا–ئەشيا ئوبوروتچىلىقى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.
     2018–يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا يەنە بىر قېتىم: ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىش، سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى.
     ھازىر ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.
     1–كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى، ئۈنۈمنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى
     سەمەت ئۆرۈكى، ئاق ئۆرۈك، دەرەختىكى گۈلە... شىنجاڭنىڭ ئۆرۈكى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆزنى قاماشتۇرۇپ مەي باغلاپ پىشقان ھەر خىل شېرىن ئۆرۈك تۈرلىرىنى بارماق بىلەن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئۆرۈك چىقىدىغان ئەڭ چوڭ رايون بولۇپ، ئۆرۈك كۆلىمى 2 مىليون مودىن ئاشىدۇ، ھالبۇكى، شىنجاڭ ‹‹يۇلېگو››(ئېسىل مېۋىلەر) يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دەل مۇشۇ  بايلىق ئەۋزەللىكىنى كۆزلەپ، 2016–يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، ئۆرۈك تالقانلىرىنى پىششىقلاش ۋە سېتىشقا باشلىدى.
     ھازىر بۇ تۈرگە جەمئىي 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يىلىغا 10 مىڭ توننا يېڭى مېۋە پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاپ، 5000 دىن كۆپرەك دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، زور بىر تۈركۈم ‹‹ئالاھىدە›› ناملىق يېزا ئىگىلىك ئۆزگىچە كەسىپلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا زورىيىپ، ئالاھىدە، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر بەلبېغى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى چىقىپ ۋە گۈزەل نامى تەدرىجىي تارقىلىپ، بازىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يول ھازىرلاندى.
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە مېۋە–چېۋىسىنىڭ بازارنى قاپلاش دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ، تور سىرتىدا كېڭەيتىشكە ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىغا بىرلا ۋاقىتتا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ خالىغان چاغدا ‹‹شىنجاڭ تەمى››نى تېتىپ بېقىشى رېئاللىققا ئايلاندى.
     مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ روشەن رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى بۇ يىل 10 مىليون مودىن ئاشىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى تەدرىجىي كۆپ مەنبەلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھازىرقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونىغا تايىنىپ، 1–، 2–، 3–كەسىپ يۇغۇرۇلغان بىر تۈركۈم باشلامچى رايونلارنى بەرپا قىلىپ، باغچە رايونى، كارخانا، بازا ۋە كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ناھىيە دائىرىسىدە باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكچى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ۋاسىتە، كەسپىي چوڭ ئائىلىلەر ۋە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئاساس قىلغان يۇقىرى زىچلىقتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، خوتەن قىزىل گۈلى، ئاقسۇ ئالمىسى، چاقىلىق چىلىنى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرگە تايىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن  80 نى، 44 ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى يۆلەپ، دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
     2–كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى
     ئايروپىلان موتورى ياساش تېخنىكىسى ياسىمىچىلىقتا خانتاجىسىدىكى مەرۋايىت دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يادرولۇق بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قېتىشما ماتېرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلەش تەس بولغاچقا، پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، شىنجاڭ قىسقا ئېلېكتىر يايى پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قىسقا ئېلېكتىر يايى پىششىقلاش تېخنىكىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قېتىشما قەۋەتنى ‹‹يۇمشىتىپ››، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
    شىنجاڭ قىسقا ئېلېكتىر يايى پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جو خۇي مۇنداق دېدى: پىششىقلاپ ئىشلەش تەس بولغان توك ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە ئۇنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلى ۋە ئېلېكتىر ئۇچقۇنىدىن بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش تەننەرخى %30 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدۇ. ھازىر بىز 22 تۈرلۈك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە كەشپىيات پاتېنتى ئۈچ.
     بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى يەرلىك ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش–بېسىم ئۆزگەرتىش، بىۋاسىتە قوزغىلىدىغان ماگنىتلىق شامال گېنېراتورى، قۇرغاق ھاۋا ئېنېرگىيەلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەن مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازاندى.
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى، شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى، جۇڭگو ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئاپتوموبىل كەسىپ توپى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى، جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋەكىللىكىدىكى رېلىسلىق قاتناش ئۈسكۈنىسى كەسىپ توپى، ‹‹جىنفېڭ›› پەن–تېخنىكىسىنى تىرەك قىلغان شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسىپ توپى، سەنيى ئېغىر سانائىتى، ‹‹شىنيەن›› پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى تۈرتكە بولغان قۇرۇلۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسىپ توپى، جياڭسۇ ‹‹جىنشېڭ›› قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى توقۇمىچىلىق ۋە گۈللەنمە جابدۇق كەسىپ توپى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تېز قەد كۆتۈرمەكتە.
     ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم–كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خۇافۇ، رۇيى، ياگېر قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم–كېچەك كەسپى شىنجاڭنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى.
     قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان شىنجاڭ ‹‹مېيلىئاۋ›› كىيىم–كېچەك چەكلىك شىركىتى 2000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ يىل نامرات ناھىيەدە يەنە 200 كىشىلىك ئەتراپىدىكى ‹‹كىچىك›› زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
     بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 150 مىڭ سانائەت ئىشچىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم–كېچەك كەسپىنىڭ يۆنىلىشىنى بوياقچىلىق، كىيىم–كېچەك تېرمىنال  كەسىپلىرىگە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭىدىن 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
     3–كەسىپ زور تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى زورايتىلدى ۋە ياخشىلاندى
     چاغاننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
     شىنجاڭنىڭ قار–مۇز ساياھەت بايلىقى مول، قىش پەسلى ئۇزاق، قارنىڭ سۈپىتى ياخشى، نويابىردىن كېيىنكى يىلنىڭ مارت ئېيىغىچە قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىنتايىن باب كېلىدۇ. قار–مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قار–مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى تىرەككە ئىگە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.
     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىدە يىلدا بىر زور ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھىتىدە كۆپ خىل كەسىپ شەكىللەندى. بۇ،  پىيادە مېڭىش، ئۆز ئاپتوموبىلىدا ساياھەت قىلىش، دالىدا مېڭىش، تاغقا چىقىش، لەيلەپ ئېقىش، ئات–ئۇلاغ مىنىش، ئېكسپېدىتسىيە، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قىسىم ئالاھىدە ساياھەت كەسپى بولغان ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارمۇ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 100 مىليون ئادەم(قېتىم)لىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، %32.4 ئاشقان؛ ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى 182 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، %30 ئاشقان. ھازىر چوڭ ساياھەتچىلىك ئەندىزىسى شىنجاڭدا تېزدىن شەكىللەنمەكتە.
     ھازىر يېزا ئىگىلىكى سەيلە–ساياھىتى، ئۆز ئاپتوموبىلىدا ساياھەت قىلىش، ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئائىلىۋى مېھمانساراي قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى ئومۇمىي خەلق ساياھەت قىلىش ۋە شەخسىي ساياھەت قىلىش، تاللاپ ساياھەت قىلىشنى ئاساس قىلغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك رولى، يۇغۇرما كۈچى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار كەسىپ ۋە ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىپ، ‹‹بىر كەسىپ راۋاجلانسا، 100 كەسىپنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش››تەك تەرەققىيات يۈزلىنىشى شەكىللەندى.
     بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلىك، سودا–ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، ئۆزگىچە يېمەك–ئىچمەك، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت–تەنتەربىيە، ئىستىراھەت–كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ 3–كەسپىدە كەسىپلەر بىر–بىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى