شى شىن، سۈنيى ياڭزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ تورلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى گېنېراتورلار سىغىمى 82 مىليون 199 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار سىغىمى 34 مىليون 52 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئومۇمىي گېنېراتور سىغىمىنىڭ %41.43ىنى ئىگىلىگەن، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت گېنېراتورلار سىغىمى مەملىكەت بويىچە 2–ئورۇنغا ئۆتكەن.
يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار سىغىمى ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمى 18 مىليون 354 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمىنىڭ %22.5ىنى ئىگىلىگەن؛ قۇياش ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمى 9 مىليون 76 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمىنىڭ %11.1ىنى ئىگىلىگەن؛ سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمى 6 مىليون 622 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمىنىڭ %8.1ىنى ئىگىلىگەن.
توك چىقىرىش مىقدارىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارى 65 مىليارد 950 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %26.18ىنى ئىگىلىگەن. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شامال ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىش مىقدارى .%42.1، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش مىقدارى %54.4، سۇ ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىش مىقدارى %15 ئاشقان.
شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توكى ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق چىقىرىلغان توك مىقدارى ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %36.6ىنى ئىگىلىگەن. ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئومۇمىي ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %9.24كە يەتكەن.
شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت گېنېراتورلار سىغىمى مەملىكەت بويىچە 2–ئورۇنغا ئۆتتى
مۇھەررىر :
مەۋلۈدە ئابلىز
|
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
2018/02/17 15:00
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.