تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تيەن ۋېن چاغان ئالدىدا ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىشەنچلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2–ئاينىڭ 15–كۈنى، يەنى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بېرىپ، بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇخبىر، مۇھەررىرلەر ۋە تېخنىكا كاپالىتى خادىملىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.
     تيەن ۋېن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ رادىيو–تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى يەتكۈزۈش مەركىزىگە كېلىپ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ھەممە ئائىلە جەم بولىدىغان بۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مۇخبىر، مۇھەررىرلەر يەنىلا ئاخبارات خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتاتتى. ‹‹جاپا چەكتىڭلار، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!››. تيەن ۋېن بارغانلىكى جايدا ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمىتىگە تىرىشىپ تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
     تيەن ۋېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ قىممەت كۈچىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ھەقىقىي چىڭىتىپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچكە ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بازىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىشەنچلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى تالىشىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى