تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

     ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى، ئۇ ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، پارتىيەمىزنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە››.
     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2–ئاينىڭ 12–كۈنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە دۇچ كېلىدىغان ۋەزىپىلەرنىڭ مۈشكۈللۈكى، ئەمەلىيەت داۋامىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، بوشىشىپ قالماي، توختاپ قالماي، بىخۇدلۇق قىلماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.
     نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى
     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر، مىسلىسىز بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى›› دېگەن سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى ھەم نامرات ئاممىنىڭ قەلبىدە ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى.
     چاغان ھارپىسىدا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشقان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭشى تۇجيازۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىبادۇڭ كەنتىدە، كەنتنىڭ 1–شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شى دېڭگاۋ كەنتتىكى نامراتلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە ھازىر ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىم 2013–يىلىدىكى 1668 يۈەندىن 2017–يىلى 10 مىڭ 180 يۈەنگە يەتتى.
     كەچتە بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش تامىقى يەيدىغان ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالغانىدى. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى خۇاڭجۇڭ ناھىيەسى لىجياسەن بازىرى شياكوۋ كەنتىدىكى شەن چېڭرۇڭنىڭ ئائىلىسى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئوغلۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن چاغاندا ئۇرۇق–تۇغقانلار كۆپ كەلدى، ئەگەر نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ياخشى بولمىغان بولسا، بىز ئۆيىمىزدىن چىققان بۇ ئىستۇدېنتنى ئوقۇتۇپ بولالمايتتۇق. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. ئۇ 2016–يىلى كەنتنىڭ ياردىمىدە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن–كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر لىجياشەن بازىرىدىكى ئون نامرات كەنتنىڭ ئالتىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى، يېزىلاردا ئازايغان نامرات ئاھالە 68 مىليون 530 مىڭ كىشىگە يەتتى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئازايدى. نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2012–يىلىدىكى %10.2تىن ھازىرقى %3.1كە تۆۋەنلىدى.
     ‹‹مانا بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلايدۇ››. سىچۈەن ئۆلكىسى يىبىڭ شەھىرى گاۋشيەن ناھىيەسى داۋو بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى تۇ دۇڭ نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبىسىنى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى: بىرىنچى، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى توپلاپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، بىرمۇ نامرات ئاممىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدى. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى جارى قىلدۇرۇلدى. ئۈچىنچى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. تۆتىنچى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى، كادىرلاردا تەخىرسىز تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى شەكىللەندى.
     سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۇڭخې ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش–ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، چىچىلى كەنتى بىر مەزگىلگىچە ‹‹يۇڭخې ناھىيەسىدىكى ئەڭ نامرات كەنت›› دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. 2015–يىلى 26 ياشلىق گو روچياۋ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1–شۇجى بولدى. ئۇ كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەت ئىشلىرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش... قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللاندى. 2017–يىلى چىچىلى كەنتى نامراتلىقتىن ئۈزۈل–كېسىل قۇتۇلدى، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ئادەم، ئادەمنىڭ قارىشى، ئىقتىدارى، ئىشلەش قىزغىنلىقى ئاچقۇچ›› دېدى گو روچياۋ خۇلاسە قىلىپ.
     ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى
     ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ھېلىھەم ناھايىتى زور، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلە ھېلىھەم كۆپ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا 30 نەچچە مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بېسىم ۋە قىيىنچىلىق ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز››. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.
     ‹‹ئىش ئاخىرىغا بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەلىپى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بىرىنچى سەپتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئارىسىدا ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈردى.
     خۇنەن ئۆلكىسى فېڭخۇاڭ ناھىيەسى شەنجياڭ بازىرىنىڭ شيۇڭلۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىر جۇ يى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇ بولدىكى، ئىشەنچىم ئاشتى، قەلبلەرنى ئىللىتتىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بولغان ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى.
     خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭجياڭ ناھىيەسىنىڭ چوڭ ھېنگان تېغىنىڭ نەنلۇ تاغلىق رايونىدىكى تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات ناھىيە، لۇڭجياڭ ناھىيەسى خالاخەي يېزىسى شىلى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇ ليەنمىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، كەنتتىكى ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىگە ئېرىشتى، ئۇلار نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلالايدىغان بولدى، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، ئېغىر كېسەل بولغان نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.
     ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە نامرات ئاھالىسى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان يەنە بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بار ئىكەن، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى %18تىن ئاشىدىغان نامرات ناھىيەدىن 229ى، %20تىن ئاشىدىغان نامرات كەنتتىن 29 مىڭ 800ى بار ئىكەن.  
     باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ چىقتى.
     يۈننەن ئۆلكىسى شۈنديەن ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى ياڭ شۇجۈن مۇنداق دېدى: بەزى ئېغىر نامرات رايونلار سىرتقى دۇنيادىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ قالغان، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئامما ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلىدۇ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاجىز. ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل.
     كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شۈنديەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2014–يىلىدىكى %26.93تىن %0.35كە چۈشتى. ياڭ شۇجۈن مۇنداق دېدى: بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنى ناھايىتى روھلاندۇردى، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹قىيىن مەسىلە››نى ھەل قىلىشتا غەيرەت ۋە ئىشەنچكە تولدۇق.  
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان نامرات ئاھالىلەر غەيرەتكە تولدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى لۇڭجياڭ ناھىيەسى خالاخەي يېزىسى شىلى كەنتىدىكى نامرات ئاھالە لۇڭ شۇاڭشەن مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى بۇنداق ياخشى تۇرسا، مەن سۆرەلمىلىك قىلسام بولمايدۇ، مېنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىم بار، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.
     نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى
     ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسى ئورۇنباستى كەنتىنىڭ 1–شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋەن جياڭيۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
     گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش–ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ۋەزىپىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاشتا چوڭ چاتاق يوق. ئەمدى ‹‹غەلىبە قىلىش››نى ‹‹ياخشى قىلىش››قا ئۆزگەرتىش كېرەك. ‹‹ياخشى قىلىش›› نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.
     نامرات ئاھالىلەرنى ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش  باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش.
     ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش›› يېمەك–ئىچمەك، كىيىم–كېچەك غېمىدىن خالاس قىلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە بىخەتەر تۇرالغۇ جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
     گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرى شۈيچېڭ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شۈنبو مۇنداق قارىدى: ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمى دەل جايىدا بولدى، ئىجرا قىلىش قاتلىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئامال قىلىپ مەركەزنىڭ ئۆلچىمىنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
     چاغان ھارپىسىدا، جياڭشى ئۆلكىسى رۈيجىن شەھىرىنىڭ بويىڭ يېزىسىدىكى ھەممە ئائىلە چاغانلىق مەسنەۋى سوۋغا قىلىش، ئاسما رەسىم ئېسىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، رۈيجىن شەھىرىنىڭ بۇ چەت يېزا–بازىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، شۇ جايدىكى نامرات يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى.
     رۈيجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ رۈي مۇنداق دېدى: ‹‹سىرتقى›› جەھەتتە نامرات كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، ‹‹ئىچكى›› جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش›› نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، رۈيجىن شەھىرى نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، مەن شەرەپكە ئېرىشتىم›› دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتەك ئۆزى ‹‹قان ئىشلەش›› ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2–ئاينىڭ 15–كۈنى تېلېگراممىسى)  
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى