تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇ خەيلۈن خوتەندە ھەر دەرىجىلىك ھەرمىللەت كادىرلاردىن ھال سورىدى

مىنۇت–سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

       لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 1–كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزى، خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق مەيدانى ۋە خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن بايرامدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.
     چوڭ قىزىل پانۇسلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دۆلەت بايرىقى، ئىشىك، تاملارغا چاپلانغان بەخت دېگەن خەت... يېڭى يىلدا خوتەن شەھىرىنىڭ چوڭ–كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىسى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ‹‹ھەممەيلەننىڭ چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!›› جۇ خەيلۈن بارغانلا يېرىدە ھەر مىللەت كادىرلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
     جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر مىللەت كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، فۇنكسىيەسىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن–ئاخىر ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا باشلاپ مېڭىپ، ئائىلىسىدىن قويۇپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈن–تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئۆزىنىڭ جاپا–مۇشەققىتى بەدىلىگە ھەممە ئائىلىنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ھەر دەرىجىلىك ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېڭى بىر يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ‹‹تۆت ئاڭ››نى باشتىن–ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى باشتىن–ئاخىر مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىنۇت–سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرىلەش ئېڭى، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن نىيىتىنى ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقىنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى، ھەر مىللەت خەلقنى خاتىرجەم قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى